باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

ئۈچ قېتىم يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ئەر تەقدىردىشى بىلەن تويغا پۈتۈشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 17:40 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

34 ياشلىق كوللىن كوبېلجا (Collin Kobelja) بىلەن 24 ياشلىق جىۋېنس ئامېرىكىدا تۇرىدۇ. ئىككەيلەن ئىلگىرى ئوخشاش بىر دوختۇرخانىدا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. بىراق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدىغان-ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.

2011-يىلى 4-ئايدا جىۋېنس 17 ياش ۋاقىتلىرىدا مەلۇم بىر خىل زۇكام سەۋەبلىك يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالدى. ئۇ INOVA Fairfax دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتكەندە يۈرىكىنىڭ قان چىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئارانلا %10 ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. نورمال قىممەت ئاز دېگەندە %55 بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ئۇنىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. ئادەتتە مۇۋاپىق يۈرەك تېپىش ئۈچۈن تۆت ئاي ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇ مىڭ تەستە 6-ئايغىچە بەرداشلىق بېرىپ ئاخىرىدا «سۈنئىي ئۆپكە» ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئۈسكۈنە پەقەت ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپلا قالاتتى، كېسىلىنى ساقايتالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت يەتتە كۈنلا ئىشلىتەلەيتتى. بەختكە يارىشا، 6-كۈنى دوختۇرلار ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يۈرەك تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا كوللىنمۇ ياندىكى كېسەلخانىدا قىينىلىۋاتاتتى ھەم «سۈنئىي ئۆپكە» ئىشلىتىپ 2-قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى تۇغما كەمتۈك بولۇپ، ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدا تۇنجى قېتىم يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. بىراق، 22 ياشقا كىرگەندە يۈرىكى زەئىپلىشىپ كەتتى.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كوللىن INOVA Fairfax دوختۇرخانىسىدا 2-قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى.

بۇ جەرياندا كوللىن بىلەن جىۋېنس بىر-بىرىنى ئۇچراتمىدى. ئەمما ئائىلىسىدىكىلەر ئىككەيلەننىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدا ئەھۋاللىشىپ تۇردى. كېيىنچە جىۋېنستە كوللىننى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. بىراق، كوللىن ئىككى قېتىم يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولغاچقا ھېچكىم بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمىدى.

كوللىن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن سانتىياگوغا كۆچۈپ كەتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە ئىككەيلەن بىر-بىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە نومۇرىنى قوشۇۋالدى.

بىر يىلدىن كېيىن كوللىننىڭ يۈرىكىدىن يەنە مەسىلە چىقىپ 3-قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى. شۇڭا 2016-يىلى 6-ئايدا، يەنى ئىككەيلەن ئوخشاش بىر دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ بەش يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشتى. شۇ ۋاقىتتا جىۋېنس بادام بېزىنى ئالدۇرغىلى، كوللىن ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلغان دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتقىلى كەلگەنىدى.

ئىككەيلەن بىر كۆرۈشۈپلا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇردى. كوللىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋىرگىنىيەگە كېلىپ جىۋېنس بىلەن بىللە تۇرۇشنى پىلانلىدى. بىراق، ئۇ كېلىشتىن ئىلگىرى جىۋېنسنىڭ بۇركىت لىمفا ئۆسمىسى بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى. بۇ كېسەل ئەزا كۆچۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئاخىرىدا بۇ ئىككى قەيسەر ئاشىق-مەشۇق توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ تەييارلىققا كىرىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇچىھا ساسكې!3 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر يىگىت ئۆلسە مىراس نىڭ سەممىسى قىز غا قالدىغان بوپتۇ

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى موبارەك بولسون يۇرۇگىڭلار ساغلام بولسون.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号