باش بەت

نۇسرەتگۈل

11255يوللانما
212مەستانە

ئەنگىلىيەلىك سەنئەتكارنىڭ قارلىق دالىغا «سىزغان» نەپس ئەسەرلىرى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 18:17 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيەلىك سىمون بېك ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققاندا چېرتيوز سىزغۇچى بولغان. بىراق، ئۇ قار سەنئىتىگە بەكلا ئىنتىلەتتى. ئاخىرىدا، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ پۈتۈن زېھنىنى «قار رەسساملىقى»غا ئاتىدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى قار سەنئەتكارى بولۇپ قالدى.

سىمون قارلىق يەردە ئىككى پۇتىغا تايىنىپ ھەرخىل گۈزەل ۋە نەپس كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلدى. 

سىمون «قارلىق يەردە رەسىم سىزىش»نى توردا كۆرگەن. بىراق، ئۇ بۇ سەنئەتكە تۇنجى قەدىمىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى قانداق ئۈنۈم ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

سىمون ھەر قېتىم «رەسىم سىزىش»تىن ئىلگىرى ياخشى ئويلىنىۋالىدۇ. ئارقىدىن، ئۆتۈكىنى كىيىپ قار تېيىلىش ھاسىسىنى ئېلىپ ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. بىراق، ھاسىل قىلىدىغان رەسىملىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ سىمون ئەسىرىنى ئاۋۋال قەغەزگە سىزىۋالىدىغان بولدى.

ئادەتتە سىموننىڭ بىر ئەسىرىنىڭ پۈتۈشىگە نەچچە سائەت ياكى نەچچە كۈن كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چىننۇرى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۈزى ياشانغان بولسىمۇ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى خىلى زوركەن،چىرايلىق سىزىپتۇ،ئادەم تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号