باش بەت

zevmret

979يوللانما
42مەستانە

ئۈچ يېشىدا سېتىۋېتىلگەن بالا 26 يىلدىن كېيىن تۇغقانلىرى بىلەن قايتا دىدارلاشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 17:46 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يىغا-زارىلەر 26 يىللىق بالا ئىزدەش سەپىرىدىكى ئازابنىڭ بوشىتىلىشى ئىدى. 12-فېۋرال، ئۈچ يېشىدا بالا ئوغرىسى تەرىپىدىن سېتىلغان لىن جۈنروڭ 26 يىلدىن كېيىن يۇرتى جياڭشى گەنجۇ دايۈگە قايتىپ كېلىپ، 29 يېشىدا تۇغقانلىرى بىلەن قايتا دىدارلاشتى. «26 يىل يېنىڭلاردا بولالمىغان ۋاپاسىزلىقىمنى كەچۈرىۋېتىڭلار...» بۇ چاغدا ئانا ھەسرەتتە، دادا ئاللىقاچان ئۇ ئالەمدە ئىدى.

ئاپىسى ۋاڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «كېچىلىرى دائىم يىغلايتىم، يىغلاپ ياستۇقۇمنى ھۆل قىلىۋېتەتتىم.» 26 يىلدىن بېرى ئوغلىنى ئاپىسى ئوغلىنى پەقەت چۈشىدىلا كۆرەلەيتى، چۈشىدىمۇ ئوغلىنى ئىزدەيتى. ئوغلى ئوغرىلانغاندىن كېيىن ۋاڭ يىڭ ئىككى ئايغىچە تالاغا چىقىپ باقماي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشقاچقا خامۇش بولۇپ قالدى. دادىسى ياڭ جېڭگو بالىسىنىڭ دەردىدە مىجەزى چۇسلىشىپ كەتتى، 2011-يىلى تېخىچە ئوغلىنىڭ خەۋىرنى ئالالمىغان دادا كۆزلىرى نەم ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

2017-يىلى DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى غەلىبىلىك ھالدا ياڭ جېڭفۇ بىلەن گۇاڭدوڭ جيېياڭدىكى لىن جۈنروڭنىڭ قانداشلىقنى دەلىللەپ چىقىپ، لىن جۈنروڭنىڭ 1992-يىلى ئوغرىلانغان ئاشۇ بالا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ۋاڭ يىڭ كېچىچە ئۇخلىيالماي، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئوغلىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بارغۇدەك بولدى. 12-فېۋرال ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ۋاڭ يىڭ بىلەن ئوغلى لىن جۈنروڭ دىدارلاشتى. 

ئانا-بالا دىدارلاشقاندىن كېيىن ۋاڭ يىڭ لىن جۈنروڭنى بېقىۋالغان دادىسى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى. لىن جۈنروڭنىڭ دادىسىنى كۆرگەن ۋاڭ يىڭ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا: «ئوغلۇمنى 20 نەچچە يىلدىن بېرى بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنى ئېلىپ كەتمەيمەن، مەن پەقەت ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كەلسەم دەيمەن.» لىن جۈنروڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئىنتايىن ياۋاش ئادەم بولۇپ، ئادەتتە كۆپ سۆزلىمەيتى. ۋاڭ يىڭ ئوغلىنى ئۆيگە ئاپىرىپ كەلمەكچى بولغاندا، لىن جۈنروڭنىڭ دادىسى ئۇنى رەت قىلمىدى.

تۇغقانلارمۇ ئاللىقاچان ئىشىكىدە ساقلىشىپ تۇرغانىدى، تاغىسى «لياڭلياڭ قايتىپ كەلدى، لياڭلياڭ قايتىپ كەلدى!» دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى، ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلماي تۇرۇپلا، تاغىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ لىن جۈنروڭنى باغرىغا بېسىپ، كۆز يېشى قىلدى. كەچتە ھەممەيلەن جەم بولۇپ، كۆڭۈللۈك ھالدا بىللە تاماق يېيىشتى.

لىن جۈنروڭ 12 يش چېغىدا قوشنىسىدىن ئۆزىنىڭ ئۈچ ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم دادىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇچىسىدا ئاپىسى ئۇنىڭغا توقۇپ بەرگەن پوپايكىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدى، شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم ئۇ پوپايكىنى كۆرسە يىغلايتى، كېيىن ئۇ پوپايكىنى دادىسى ساقلاپ قويغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا لىن جۈنروڭ دائىم «جۇ ئاچا» دەپ يىغلايدىغان بولۇپ، دادىسى ئۇنى بەلكىم ئاچىسىنىڭ ئىسمى بولسا كېرەك دەپ ئويلايتى. لىن جۈنروڭمۇ ئەزەلدىن ئۆز ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەنىدى. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇ «قوزام قايتىپ كەل» (宝贝回家) ناملىق تور بېتىدا ئۆزىنىڭ قان ئۇچۇرىنى قالدۇردى.

لىن جۈنروڭنى بېقىۋالغان دادىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ خۇددى ئۆز ئوغلىدەك ئىدى. ئۆزىنى باققان ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆز ئاپىسىغا نىسبەتەن، لىن جۈنروڭنىڭ دېيىشىچە، پەقەت بىر كۆنۈش جەريانى لازىم بولاتتى، شۇنداقلا ئۇ يەنە ھەر ئىككىلا تەرەپتىكى تۇغقانلىرىغا ياخشى جاۋاب قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىسكىلىت شاھ3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنى بېقىۋالغان دادىسىنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، قانداق يوللار ئارقىلىق بۇ بالىغا ئىرىشكەن، ئوغىرىغا سىغدۇرمىچىلىق قىلىپ بەرگەنلەرنىمۇ جازالىمىسا يەنىلا بالا يۈتىۋىرىدۇ، ئەممالىكىن تېپىلمايدۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号