باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

بىرازىلىيەدىكى نەچچە ئون مايمۇن سېرىق قىزىتما تارقاتتى دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 19:19 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى يېڭىلا كىرگەن بىر يېرىم ئايدا بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانېيرو شەھىرىدە 238 مايمۇن ئۆلۈپ قالغانلىقى بايقالغان. 2017-يىلى بۇ دۆلەتتە جەمئىي 602 مايمۇن ئۆلۈپ قالغان. بۇ يىل بىرازىلىيەدە سېرىق قىزىتما بولغانلار تېز سۈرئەتتە ئاشتى، كىشىلەر بۇ كېسەلنى شۇ جايدىكى ھايۋاناتلار ئىنسانلارغا يۇقتۇرغان دەپ قاراپ مايمۇنلارنى زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. شەھەرلىك سەھىيە مۇلازىمەت تارمىقىدىكىلەر پات ئارىدا ئۆلتۈرۈشكە قارشى ھەرىكەت قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلۈپ كەتكەن مايمۇنلارنىڭ %69ىنى ئادەملەر ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇشى، بۇنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇرۇپ ياكى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىندى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ رىئودى ژانېيرودا 25 ئادەم قازا قىلدى. ھۆكۈمەت كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئۇرۇش پىلانىنى قانات يايدۇردى. بىراق، ھەممە ئادەمگە ئۆمۈربويى يەتكۈدەك ۋاكسىنا يوق ئىدى.

مايمۇنلارنىڭ جەسىتى رىئودى ژانېيرودىكى مال دوختۇرلۇق مەركىزى جەسەت تەجرىبىخانىسىغا يىغىۋېلىندى. ماسلاشتۇرغۇچى فابىيانا لۇسېنا (Fabiana Lucena): «ساراسىمىگە چۈشكەن ئاھالىلەرنىڭ مايمۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشى ناھايىتى خاتا قىلمىش. كىشىلەر سېرىق قىزىتما تارقاتقۇچى باش جىنايەتچىنىڭ مايمۇن ئەمەس، بەلكى پاشا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. ناۋادا يېزا-كەنتلەردە مايمۇن بولمىسا پاشىلار ھۇجۇم باشلايدۇ» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号