باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

413يوللانما
10مەستانە

ئەنگلىيەلىك يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئېغىرلىقى ئارانلا 12 كىلوگىرام كېلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 20:10 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك يەتتە ياشلىق ئوغۇل بالا بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دۇنيادا پەقەت يەتتىلا ئادەمگە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، شۇڭا بۇ بالا «ئالاھىدە» بالا دەپ ئاتالغان.

بوۋرنېموۋستىن كەلگەن ئېيدېن ماكدوۋېل (Eiden McDowell) گالاكتوزىل ترانسىفېرازا-Ⅰ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرە قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. گەرچە ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 26 قاداق (تەخمىنەن 12 كىلوگىرام)، بوي ئېگىزلىكى 85 سانتىمېتىر كىلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى بىر يېرىم ياشلىق بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ كېلىدۇ. ئېيدېننىڭ بەدەن شەكلى ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كىچىك يەتتە ياشلىق بالا بولۇپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئېيدېن ئەمدىلا تۇغۇلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئەكىرىپ داۋالاتقان. ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ ئانىسى ساشا (Sasha) بىر پارچە ساغلاملىق مەسىلىسى تىزىملىكىنى تاپشۇرۇۋالغان، تىزىملىككە ھۈجەيرىلەر نورمال شەكىللىنەلمەيدۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئاجىز، ئېغىز بوشلۇقىدىكى تاڭلاي يېرىلغان، سۆڭەك ئاجىز دېگەندەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ھەر كۈنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان، سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ھەتتا كۈچەپرەك قۇچاقلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. گەرچە ئادەتتىكى زۇكام بولۇپ قالسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىنى مەلۇم ئاق ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە ھايات قالغان بىردىنبىر ئادەم ھېسابلىنىدۇ، باشقا ئالتە بىمارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

ساشانىڭ 10 ياشقا كىرگەن كاتىنكا (Katinka) ئىسىملىك يەنە بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن. ئۇ: «ئۇ بىزگە شەرتسىز مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، گەرچە بۇ بىز پىلانلىغان تۇرمۇش بولمىسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىمىزنى قايتا باشلىغان ھالەتتىمۇ، مەن ھېچقانداق بىر ئىشنى ئۆزگەرتەلمەيمەن. ئېيدېن دۇنيادىكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە ھايات قالغان بىردىنبىر بىمار، بۇ بىر مۆجىزە، ئۇ تېخى ھايات، بىز ھەر بىر كۈننى بەخىت تىلەش دەپ ئۆتكۈزىۋاتىمىز.» دېدى.

ئېيدېن ھەر كۈنى مورفىنغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، چۈنكى يېنىك سوقۇلۇش ياكى كۈچەپرەك قۇچاقلاشمۇ ئۇنىڭ سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. دوسېت بالىلار فوندى ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن 5000 فوندستېرلىڭ مەبلەغ يىغىپ ئۇنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ياشاش ئېيدېنغا نىسبەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ. ئېيدېن ئىككى ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن 42 قېتىم جىددىي دوختۇرخانىغا كىرگەن، ھازىرغىچە بۇ سان 80 قېتىمدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ ئاشقازان ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى ئارقىلىق تاماق بېرىدۇ، ئەزەلدىن ھەقىقىي يېمەكلىك يەپ باقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىنى يېمەكلىكلەرنى نورمال ھەزىم قىلالمايدۇ. گەرچە ئېيدېننىڭ سۆڭىكى كۆپ قېتىم سۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا سەيلەش قىلىشنى ياكى بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ.

ساشا مۇنداق دېدى: «بىز بەزىدە ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە يېمەكلىك قويۇپ قويىمىز، ئاندىن ئۇ بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ. ئۇ يەنىلا بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن ۋاقىتتىن ھوزۇرلىنىدۇ.». ئېيدېننىڭ 44 ياشقا كىرگەن دادىسى سىمون گىللىنگس (Simon Gillings): «ئۇ ئىنتايىن قەيسەر بالا، بەك ئاز ئىڭرايدۇ. بىز بىلىمىز، ئەگەر ئۇ يىغلىسا، كېسىلى چوقۇم ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ.» دېدى.

ساشا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېيدېنغا نورمال بالىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى يارىتىپ بەرگەن، يەتتە ياشلىق بالا باشتىن كەچۈرىدىغان ئىشلارنى ئېيدېنمۇ باشتىن كەچۈرگەن، ئۇ بىر ئالاھىدە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ، ئۇ مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدەشنى ۋە مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ سۇ ئۈزەلەيدۇ، ئۆيدىكىلىرى بىلەن دەم ئېلىشقا چىقالايدۇ. گەرچە ئۇ گەپ قىلالمىسىمۇ، ئەمما ساشا ئوغلىنىڭ خۇشال بولغان ۋە قايغۇرغانلىقىنى بىلەلەيدىكەن. بىردىنبىر ئوخشىمايدىغىنى، ئۆيدىكىلەر ئەڭ ناچار نەتىجىگە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. ساشا: «ھەر قانداق ئاتا-ئانا بالىسىنى دەپىنە قىلىشنى ئويلىماسلىقى كېرەك، ئەمما مەن شۇنداق ئويلىدىم.» دېدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇنىڭغا مېھرىنى بېرىش ۋە ئاكتىپلىق بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىش كېرەك.

ساشا تاراتقۇدا ئۆزى ۋە ئېيدېننىڭ ھىكايىسىنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ تونۇشقا ئىگە قىلىشنى، شۇ ئارقىلىق ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئۆزىمۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى تېرىشىپ قىلماقتا، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ گىن تېببىي پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقىۋاتىدۇ، يەنە ئاكتىپلىق بىلەن خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاش ۋە پائالىيەت تەشكىللەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۇ :«بىز ئېيدېن بىلەن بىللە ياشايمىز، مىنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلغۇم بار.» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号