باش بەت

بەشىنچى شاھزادە

413يوللانما
10مەستانە

40 يىل بۇرۇن بانكىدىن 220 مىليون بۇلىغان ئوغرى كىتاب يېزىپ «بىڭسى»نى كۆز-كۆز قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 20:50 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1976-يىلى فىرانسىيە گۈللىنىش بانكىسىدا بىر قېتىملىق بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بېرىپ، 46 مىليون شىۋېتسارىيە فىرانكى (ھازىرقى 29 مىليون ياۋرو بىلەن تەڭ، تەخمىنەن 226 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) ئوغرىلاپ كېتىلگەن. بۇ دېلو ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئىزچىل پاش بولماي كەلگەن، ئەمما يېقىندا نەشىر قىلىنغان بىر كىتاب بۇ دېلونىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەن. جەككېس كاساندرا ئىسىملىك ئادەم يازغان بانكا بۇلاش دېلوسى توغرىسىدىكى بۇ كىتاب بۇ دېلونىڭ مەزمۇنىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن.

1976-يىلى بىر توپ ئوغرىلار پاسكىنا سۇ يولى ئارقىلىق فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر نىستا شەھىرىدىكى بىر فىرانسىيە گۈللىنىش بانكىسىغا كىرىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا 46 مىليون شېۋىتسارىيە فىرانكىنى ئوغرىلاپ كەتكەن، ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى ئىزچىل پاش قىلالمىغان. رەسىمدە 1976-يىلى ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى تەكشۈرگەندە ئەۋرەز يولىدىن ئوغرىلار دېلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكسىگېن تۇڭىنى تارتىپ چىققان.

ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى رازۋېدكا قىلغاندا، پەقەت بىر ئادەملا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن، ئەمما باشقىلار غايىپ بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغرىلانغان 46 مىليون شېۋىتسارىيە فىرانكىمۇ ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. بۇ خەرىتە 1976-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوغرىلارنىڭ ئەۋرەز يولى ئارقىلىق بانكىغا كىرگەن لىنىيەسى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ئوغرىلار ناھايىتى پىشقان بولۇپ، ئۇلار رېزىنكە قولۋاق بىلەن ئەۋرەز يولىدا ماڭغان، يەنە نەچچە يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېلېكتىر كابېل سىمى ئورنىتىپ يولنى يورۇتقان.

ئەمما 2010-يىلى بۇ دېلودا تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش بولغان، بانكا بۇلاش دېلوسى توغرىسىدىكى بىر ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن مەزمۇن بۇ دېلونىڭ مەزمۇنى بىلەن ئىنتايىن ماس كەلگەن، بۇ ساقچى تەرەپنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كىتابنى يازغان ئاپتورنىڭ تەخەللۇس ئىشلەتكەنلىكىنى، ھەقىقى ئىسمىنىڭ جەككېس كاساندرا، مارسېل قارا قول پارتىيسىنىڭ مۇھىم ئەربابى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

دۈشەنبە (12-فېۋرال) جەككېس كاساندرانى ساقچىلار سوتقا ئېلىپ چىققان، ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ بۇ دېلونى پىلانلىغان ئاساسلىق پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇ يەنە ئالتە نەپەر شايكىسىنىمۇ ئىقرار قىلغان ھەمدە مەينەت سۇ يولىدىن قانداق ئۆتكەنلىكى، ئاتسېتىلىن ئىشلىتىپ بانكىنىڭ بىخەتەر ساندۇقىنى قانداق كەسكەنلىكى قاتارلىقلارنى تولۇق ئىقرار قىلغان.

جەككېس كاساندرا ئۆزىنى 73 ياشقا كىردىم، سوت مەھكىمىسى يېشىمنى چوڭ دەپ قاراپ ئەرز قىلمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېلونىڭ يۈز بەرگىنىگە 40 نەچچە يىل بولدى، دېلونىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپ ئويلاپ بۇ دېلونى ھېكايە قىلىپ يېزىپ قىلمىش ئەتمىشلىرىنى كۆز-كۆز قىلغان ھەمدە سوت مەھكىمىسىدە جىنايىتىنى تەن ئالغان. ئەمما ئۇ فىرانسىيەدە جىنايەتچىنىڭ ياش چەكلىمىسىگە چەك قويۇلمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.

ھازىر جەككېس كاساندرا بەلكىم 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىغىمۇ جازا بېرىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار كۆپ يىللار ئىلگىرىلا جەككېس كاساندرانىڭ بۇ ئىشنى سۆزلەپ ماختانغانلىقىنى ئاڭلىغان.

ئوغرىلانغان 46 مىليون شىۋېتسارىيە فىرانكىغا كەلسەك، جەككېس كاساندرا ئۆزىگە تەخمىنەن ئىككى مىليون ياۋرو تەگكەنلىكىنى، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما يەرلىك سودىيە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەن، چۈنكى ئۇ 1976-يىلى ۋەيران بولغان، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ نامىدا نەچچە كارخانا ۋە نۇرغۇن ئۆي-مۈلۈكلەر بار. ئۇندىن باشقا جەككېس كاساندرا كۆپ يىللاردىن بىرى ئىزچىل قارا قوللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، قاقتى-سوقتى قىلىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئەمەلىيەتتە قارا قوللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىسىل باللا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىچىلمىغان سىرلار ھامان ئىچىلدۇ دىگەندەك بۇ ئادەممۇ بەك ماختانچۇق ئادەم ئوخشايدۇ ئۆزىگە ئۆزى قىپتۇ قانۇن ئاز كىسىپ قويۇپتۇ

  • ئىسىم يوق1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر مىسقال دۆلەتنى كۈتۈرۈش ئۈچۈن مىڭ مىسقال تەمكىنىك كىرەك، بىزنىڭ ماۋۇ ماقال تەمسىلمىزنى ئوقۇمىغان ئاداشكە

  • ئاي يامغۇرى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ساراڭ دەپ مۇشۇنى دەيمىز

  • ئمن مەمەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياش ۋاقتىڭدا ئانچە مۇنچە كاللاڭ ئىشلىگىنى راس ئوغرى لېكىن قىرىپ ئەقلىڭدىن كىتىپسەن بەكلا دوت نىمە ئىكەنسەن ئەمدى ئاخىرقى ئومرىڭ تۇرمىدە ئۇتىدىغان بولدى

  • 过来过去1 ھەپتە ئىلگىرى

    يامان ئوغرىكە قول قويدۇم،،،،،،

  • ئەسكى -Y1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي دۆت كالۋا ئوغرى، دۇنيادا سەندەكمۇ ھاماقەت ئوغرى بولامدۇ دەيمەن دە، ھى ھى ھى ھى

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما ئوغرىنىڭ دۆڭگۇللىگنى كۆرەيمو ،كىتاپ يېزىپتىمىش،تۇپى : ئوغرى ئوغورلەق قىغانغا جەمىيەتكە زىيان سالغانغا ماختانسا ،ياخشىلارغا ئوۋال بولمامدو.

  • 1214541 ھەپتە ئىلگىرى

    «ئۆزۈمنىڭ شورى »دىگەن ناخشا سىلەردىمۇ بارمۇ ئەپەندىم ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号