باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
155مەستانە

ئامېرىكىدا تۇغۇلغان تۇتاش تەنلىك بوۋاقلار ئوڭۇشلۇق ئايرىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 21:50 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

13-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى خيۇستون شەھىرىدىكى بىر بالىلار دوختۇرخانىسى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ 13-فېۋرال ئايرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنىڭ بىر ئاي كۆزىتىلگەندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇۋاتقانلىقى، ھەرقايسى سانلىق مەلۇماتلار نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 13-فېۋرال بۇ دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، ناركوزچىسى، يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 75 ئادەم يەتتە سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا 13 ئايلىق بولغان تۇتاش تەنلىك بوۋاقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىدى.

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى جىل مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن بۇرۇن قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل ئاننا بىلەن خوۋپنى يەڭگىدى. بىراق، بەختكە قارشى، قوشكېزەكلەرنىڭ كۆكرەك ۋە قورسىقى تۇتاش بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 4.5 كىلوگرام كەلدى.

ئۇلارنى ئايرىش ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن تېكساس ئىشتاتلىق بالىلار دوختۇرخانىسى بىر يىل تەييارلىق قىلىپ بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرخىل لاھىيە ۋە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارنى مۇنازىرە قىلدى. ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىنغاندىن كېيىن 75 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بوۋاقلارنى 2018-يىلى 13-يانۋار ئوپېراتسىيە قىلدى.

قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللارنىڭ دادىسى مايكېل: «بىزنىڭ بۇ كۈننى كۈتۈۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن بولدى. ئىككى قىزىمنىڭ ئايرىم-ئايرىم ياتقانلىقىنى كۆرۈش كىشىگە تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت ئاتا قىلىدۇ. دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا رەھمەت» دېدى.

دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەل، شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لاررىي خوللىيېر: «بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى گۇرۇپپىمىزنىڭ بىر يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرمانگۇل3 كۈن ئىلگىرى

    دوختۇرلارغا ئاپىرىن ئۇ ئىككى بالا بەختىنى تاپسۇن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭلا

  • ئ****گ3 كۈن ئىلگىرى

    پاھ ھەقىقەتەن قول قويدۇم ئۇتۇق قازانغىنىنى كۆرۈپ بەك خڭش بولدۇم

  • پەرىزاتىم3 كۈن ئىلگىرى

    ئۇلانىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن.

  • تىلەك 213 كۈن ئىلگىرى

    بەك ياخشى بوپتۇ ، ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە يۈز بىرىپتۇ

  • قايدا سەن4 كۈن ئىلگىرى

    مىدىتسىنا تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ بەك تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،،،

  • ھەيدەر بەگ4 كۈن ئىلگىرى

    بۇ باللىلار قاچانمۇ ماڭغۇدەك بۇلا ئەمدى بىزخەختە بالا بىريېرىم ياشتىن ئاشقۇچە ماڭاممىسا كىيىنمۇ ماڭاممايدۇ دەيدىغان گەپ باغۇ

  • 138******754 كۈن ئىلگىرى

    راستتىنلا مۆجىزە بوپتۇ ،قىز تۇرسا كۆكرەك ئايرىش ئوپراتسىيسىى ھەقىقەتەن تەستۇ بەلكىم !

  • 86134804 كۈن ئىلگىرى

    دوختۇر لارغا باركاللا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号