باش بەت

قەدرۇس65

1741يوللانما
36مەستانە

ئادەمسىز ئارالغا قاپسىلىپ قالغان ئەر-ئايال يەرگە خەت يېزىپ قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقاتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-22 14:07 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 22-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئاۋستىرالىيەلىك بىر جۈپ ئەر-ئاياللار دېڭىزغا بېلىق تۇتقىلى چىققاندا قارا-بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېمىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ۋە شۇ سەۋەبتىن ئادەمسىز ئارالغا قاپسىلىپ قالغان. ئۇلار ئامالسىزلىقتىن قۇملۇق ساياز يەرگە چوڭ قىلىپ «قۇتۇلدۇرۇڭلار» دەپ خەت يېزىپ قويغان. تەلىيىگە يارىشا يېقىن ئارىلىقتا چارلاۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇش سىگنالىنى بايقىغان.

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئاۋستىرالىيەنىڭ كۇئېسلاند دېڭىز ساھىلىدىكى پېرسىي تاقىم ئارىلىدا بېلىق تۇتماقچى بولغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مەلۇم بىر ئادەمسىز ئارالدا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. گەرچە ئۈچ قېتىملىق دەھشەتلىك بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كېچە سائەت بىرلەر ئەتراپىدىكى دېڭىز دولقۇنى ئۇلارنىڭ كېمىسىنى تاشقا سوقۇپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئەر-ئايال ئىككەيلەن بۇ ئادەمسىز ئارالدا بىر كېچە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان، بەدىنىمۇ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان.

ئىككىنچى كۈنى كۈن ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككەيلەن قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقاتقان.

كۇئېسلاند دېڭىزدا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خادىمى كۇنتون رېسۇس ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: «بىز بۇ ئادەمسىز ئارالنىڭ 20 كىلومېتىر نېرىسىدا قۇتقۇزۇش سىگنالى تاپشۇرۇۋالدۇق، شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە ئۇلارنىڭ ئورنىنى بەلگىلىدۇق».

ئادەمسىز ئارالدا سەككىز سائەتنى ئۆتكۈزگەن بۇ ئەر-ئايال قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

كۇنتون ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قۇتقۇزۇش جەريانىنى تەسۋىرلەپ: «بىز بۈگۈن ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ئادەمسىز ئارالغا قاپسىلىپ قالغان بىر جۈپ بېلىقچى ئەر-ئايالنى قۇتقۇزۇپ چىقتۇق، ئۇلارنىڭ كېمىسى دېڭىز بويىدىكى تاشقا سوقۇلۇپ كۇكۇم-تالقان بولغاچقا، مۇشۇ ئارالدا بىر كېچە تۈنەشكە مەجبۇر بولغانىكەن».

«بىز ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ماڭغاندا، بوشلۇقتا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قۇملۇق سايەز يەرگە يازغان قۇتقۇزۇڭلار دېگەن خېتىنى ئېنىق كۆردۇق، ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇردۇق».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号