باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

نيۇيوركتا بىر تىك ئۇچار دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-03-12 12:18 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11-مارت كەچتە بىر تىك ئۇچار ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى شەرقىي دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، شەھەر باشلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىك ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلغانلىقىنى، بىر ئادەم قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا فېدىراتىپ ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (FAA) بىر باياناتچىسى بۇ AS350 نومۇرلۇق ياۋروپا تىك ئۇچارىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 11-مارت كەچ سائەت يەتتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي روزۋېلت ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى سۇ تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، نيۇيورك ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. ئېنىق تەكشۈرۈپ دەلىللەنمىگەن بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىزىل تىك ئۇچار كەچقۇرۇن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ھەم ئوڭغا ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، FAA ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك تىرانسپورت بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكىلەر بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号