باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13631يوللانما
1449مەستانە

پۇتىن: مەن ئەزەلدىن ئېيىققا مىنىپ رەسىمگە چۈشۈپ باقمىدىم

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-03-13 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن «جىگەرلىك ئەزىمەت» ئوبرازى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەيدەپلا قالماستىن يەنە تېخى سۇ ئاستى كېمىسىنى ھەيدىيەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىش، ئات مىنىش، ساز چېلىش قاتارلىق سۈرەتلىرىمۇ تورداشلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان تېمىنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ئارىىسدا يەنە تېخى ھېلىقى ئېيىق مىنگەندىكى سۈرىىتىمۇ بار. ئەگەر سىز ئۇنىڭ بۇ سۈرىتىنى راست دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، ئالدانغان بولىسىز. چۈنكى پۇتىن تۇنجى قېتىم ئۆز ئاغزى بىلەن بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دەم ئېلىشتىكى يېرىم يالىڭاچ سۈرىتىنىڭ پەقەتلا بىر ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە تېخى ئۆزىنىڭ ئېيىق مىنگەندىكى سۈرىتىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پۇتىننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ كۆپلىگەن خىزمەت سۈرىتى بولۇپ، بىراق كۆپچىلىك ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىكەن. «مەن ئېيىق مىنگەندىكى سۈرەتنى كۆرگەن، بىراق ئەزەلدىن ئېيىققا مىنىپ باقمىغان، بىراق بۇ رەسىملەر ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت»، دېدى، پۇتىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号