باش بەت

شەرىفە

1039يوللانما
183مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ باي مىلياردېرلارنىڭ قىزلىرىغا نەزەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-03-13 23:00 16 ئىنكاس چۈشتى

ئىۋانكا تىرامپ (Ivanca Trump)

ئىۋانكا تىرامپ 1981-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكا نىيۇيوركتا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ بىرىنچى ئايالىدىن تۇغۇلغان قىزى، دۇنياغا داڭلىق مودېل، ئامېرىكا نىيۇيورك ئۆي-زېمىن ماگناتى تىرامپ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى، بۇندىن بۇرۇن ئۇدا ئىككى قېتىم ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلنىڭ دۇنيادىكى ئون چوڭ بويتاق ئايال بايلار رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولغان. (ھازىر ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى)

ئېستى لودېر (Estee Lauder) 

ئۇ 1906-يىلى تۇغۇلغان، ئالى دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇملىرى ماركىسى ئېستى لودېرنىڭ قۇرغۇچىسى. بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ھاياتى بويىچە سۆيگەن كىشىسى ئۈچۈن بىر تال ئەتىر ياساپ چىقىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەنلا ئەتىر دۇنياسىنىڭ قىزىق پارىڭىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرى ئېمپىراتورلىقى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن كونترول قىلىنماقتا. ئامېرىكا خەلقى ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش يۈززىسىدىن ئۇنىڭ ھاياتىنى كىنو قىلىپ ئىشلەپ چىقماقچى.

جوسىي خو چېۋىي (Josie ho chewy) 

جوسىي خو چېۋىي 1974-يىلى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، شياڭگاڭلىق ئايال ناخشىچى، كىنو ئارتىسى. 1994-يىلى ناخشىچىلىق سالاھىيىتى بىلەن شىياڭگاڭ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان، ئۇنىڭ دادىسى خوڭشىننىڭ 50 مىلياردتىن كۆپ بايلىقى بار، ئۇنىڭ رىۋايەت كەبى ھاياتىنى ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇ ھازىر ئاۋمېن ساياھەت-كۆڭۈل ئېچىش شىركىتىنىڭ باش لىدىر، ئاۋمېن خەلقئارا ئايرودرومى تىجارەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، چېڭشىڭ بانكىسىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ئاۋمېن ئات بەيگە جەمئىيىتىڭ رەئىسى.

دىيلان لاۋرېن (Dylan Lauren)

دىيلان لورېن ئامېرىكىلىق، ئامېرىكىدىكى مەشھۇر مودا كىيىم-كېچەك لايىھەلەش ئۇستىسى رالف لورېن (Ralph Lauren)نىڭ قىزى. يېتىپ يېسە بىر ئۆمرىگە يەتكۈدەك بايلىقى بار بۇ مىلياردېر قىزى ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە تەۋە قەندالەت ماركىسى يارىتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تاتلىق قىلماقتا. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ باي بويتاق ئاياللارنىڭ بىرى.

ئاماندا ھىرست (Amanda Hirst)، 

ئاماندا ھىرست تاراتقۇ ماگناتى ۋىللىيام راندولف ھىرست (William Randolph Hearst)نىڭ ئەتىۋارلىق ئەۋرە قىزى، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىقتىساد ژۇرنىلى «فوربېس»نىڭ يىللىق «دۇنيادىكى ئەڭ باي ئون نەپەر بويتاق ئايال» رەت تەرتىپىدە ئۇنىڭ ئىسمىمۇ بار. گۈزەل چىرايى ۋە لاتاپىتى بۇ ئايالغا نىيۇيوركتىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلام مودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىلى بولغان پارىس ھىلتون (Paris Hilton)دىن قېلىشمايدىغان نوپۇز ئاتا قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • huojia.5322 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيادىكى باي ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىلىقما؟؟؟؟؟؟؟؟ باشقا دۆلەتلەردە باي ئاياللار يوقما؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  • كونۇپكا پالىۋىنى2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بايلارنىڭ 18~20 ياشلىق قىزلىرى يوقمىدۇ مەن بىرنى ئالسام

  • yusef2 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇن بويتاق ۋاقتىدىمۇ باي ئىكەن

  • « چىچەن »2 ئاي ئىلگىرى

    بىلگەيتىسنىڭ قىزى يوق يا بۇلارنىڭ ئارىسىدا

  • 依尔番ئىرپان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇنقى يوقكەنتۇق ھازىر باكەن

  • يېس2 ئاي ئىلگىرى

    ھۇيت كەتسە كېتەر دېگەن نۇرداش ئا خەۋەرنى ئالدىماي ئۆپكىلىرىنى بېسىۋىلىپ ئوقىسىلا بۇندىن بۇرۇن دەيدۇ ئۇ بويتاقلىقىنى

  • چەكسىز ئۇپۇق2 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ چىرايلىقى يەنىلا ئۋانىسا،

  • قىسقا خەۋەر2 ئاي ئىلگىرى

    توي قىلسا ئىرى نۇرغۇن پۇلغا بىكادىن بىكا ئىرشىدىغان گەپ

  • خىيالىي خامۇش2 ئاي ئىلگىرى

    جوسىي خوۋ چېۋىي غا ھەۋەس قىپ قالدىم

  • ئابجىل كىرەم2 ئاي ئىلگىرى

    ئىۋانكا ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号