باش بەت

جۈرئەت 358

915يوللانما
16مەستانە

جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولىدىغان سىبېرىيەدىكى خەلقنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-03-13 19:40 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىبېرىيە تىلغا ئېلىنسا ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبى ھاياجانلانماي قالمايدۇ، بىر يىلنىڭ تەڭدىن تولىسى قىش پەسلى، مۇشۇنداق سوغۇق يەردىكى كىشىلەر بۇ يەردە قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟ سۈرەتتىكىسى بۇغا بېشى.

300 يىل ئىلگىرى بىر تۈركۈم ئوۋچىلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تېرىنى ئىزدەش ئۈچۈن سىبېرىيە ئورمانلىقىغا كەلگەنكەن، بۇ ئوۋچىلار سىبېرىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە قېلىشنى تاللىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىشىلەر بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرگەنكەن.

بۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى چەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، سىبېرىيە خەلقنىڭ يېمەكلىكى سىرتقى دۇنيا بىلەن چوڭ پەرقلىنىدۇ، ئۇلار قانداغاينى ئوۋلاپ يەيدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قانداغاينىڭ كالپۇكى ھەممىدىن يېيىشلىك ئىكەن، سۈرەتتىكىسى بەش ياشلىق قىزنىڭ قولى، ئۇ توڭلاپ قالغان قانداغاينىڭ باش قىسمىنىڭ ئېرىشىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، كەچتە بۇ باش مۇچ بىلەن قاينىتىلغاندىن كېيىن مەززىلىك كەچلىك غىزاغا ئايلىنىدۇ.

سىبېرىيەنىڭ كىندىك رايونىدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ شەھەرگە كىرىشى ئۈچۈن ئىككى سائەت كېتىدۇ، قىشتا قار يېغىپ يوللار توسالغاندا بۇ يولدىنمۇ ماڭغىلى بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەقەت تىك ئۇچاردا كىرىپ چىقالايدۇ، تىك ئۇچار ھەر ئايدا ئىككى قېتىم كەنت ۋە كىرېنسك شەھىرىگە ئۇچىدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ.

كەنتتە پات-پات ئېيىق پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، ئېيىقنى يەڭگەنلەر باتۇر ھېسابلىنىدۇ، ئېيىق بىلەن ئېلىشىش رۇسلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنىڭ بىرى، ئۇلار ئېيىقنى يەڭگەندىن كېيىن ئېيىق تاپىنىنى ئولجا سۈپىتىدە ساقلاپ قويىدۇ، يۇقىرىدىكى ھەرگىزمۇ يالغان ئېيىق تاپىنى ئەمەس ئىكەن.

سىبېرىيەدىكى ئېيىقلار ئىنتايىن ۋەھشىي بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بىر كۈنى توك توختاپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز ئېيىق بۆسۈپ كىرگەن، ئۇلار ئامالسىز ئۆگزىگە چىقىپ يېتىۋالغان، تاڭ ئاتقاندا ئاندىن پەسكە چۈشۈپ ئېيىقنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى تامغا ئېسىپ قويغانكەن.

قىش پەسلىدە سىبېرىيەدە ھەقىقىي يول يوق، كىشىلەر نەدە كۆپرەك مېڭىپ ئىز قالدۇرغان بولسا شۇ يەر يول بولىدۇ، بۇ يوللاردا جېپ ئاپتوموبىلى، چانا ياكى رۇسىيەلىكلەر ئىشلەپچىقارغان قارلىق موتسىكلىتلار ماڭالايدۇ، باشقا قاتناش قوراللىرى قەتئىي ماڭالمايدۇ، بۇ يەر شۇنچە گۈزەل، ھەيۋەت بولغان بىلەن كىرمەك تەس بولۇشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەكلىماكان 22 ئاي ئىلگىرى

    شۇ بارىنىڭ گۆشىنى يەيدىغاندۇ ئەمدى يوق بولسا ئامال يوق.

  • ئاي.بۇلاق2 ئاي ئىلگىرى

    قانداغايدىن بىلەك گوشنى يىمەمدىكىنە بۇلار تەپسىلى بولساياخشى بۇلاتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号