باش بەت

نۇر تورى ئېلان بۆلۈمى

35يوللانما
27مەستانە

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-06 17:35 0 ئىنكاس چۈشتى

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ناھايىتى خۇشاللىنارلىق بىر كۈن بولدى، يەنى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى تۈرىنى يولغا قويۇپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 20 ئورۇندا تاللا بازىرى ئاچقان، ھەمكارلىقنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي نامايان قىلغان شىنجاڭ خەلقيار سودا چەكلىك شىركىتى، شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا خەلقيار تاللا بازىرى سېپىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللۇغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ  پائالىيىتىگە  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە  ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق  رىياسەتچىسى گۈلشەن مۇھەممەتتۇرسۇن باشتىن ئاخىرى رىياسەتچىلىك قىلدى.

پائالىيەتكە يەنى دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يول باشچىسى ئەلى قۇربان مۇئەللىممۇ قاتناشتى، شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ ئىتوت ساھەسىدە كۆزگە كۆرنىۋاتقان ياشلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بىز ئىتوت گورۇپپىسىدىكى ئەخمەتجان قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار قاتناشتى، كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان ياش ناخشىچىلاردىن ئىبراھىم ئەنۋەر، دىلارە ئابدۇشۈكۈر، مەمەتتۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭ ئارمان گورۇھى سېتىش بۆلۈمى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئادۋۇكاتلىق ئورنى، جۇڭگۇ يېڭى دەۋر گورۇھى، شىنجاڭ ئىشەنچ بىلىم مۈلۈك ماركا ۋاكالەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان بۆلۈمى، شىنجاڭ دىدار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سىگنال سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كاپىتان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كۈسەن يۇلتۈزى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ دىدار يىمەك ئىچمەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ نەرگىز سودا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئاچىل ئۇچۇر-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەت ۋە كارخانا ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىشى بىلەنلا شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى تۇداجى سىدىق ئەپەندى شىركەت تەرەققىياتى ۋە شىركەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە 30 مىنۇت لىكسىيە سۆزلىدى.

پائالىيەتتە يەنە شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلقىيار تاللا بازىرى دۇكان باشقۇرغۇچىلىرى سەھىنىگە تىزىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ قىزىل بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ياش يېتىلىۋاتقان ناخشىچى مەمەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ يىقىملىق ناخشىلىرىنى مىھمانلارنىڭ ھوزۇرىغا  سۇندى.

دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك پىسىخىك مەسلىھەتچى ياشلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يول باشچىسى ئەلى قۇربان مۇئەللىم لىكسىيە سۆزلەپ، تېرىشسىلا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى،مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئالدىدىكى كىشلەرنىڭ مىجەز-خارەكتىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. شىركەت باش لىدىرى تۇداجى سىدىق ئەپەندىگە زور ئىلھام، كۈچلۈك قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، شىركەتنىڭ تېخىمۇ يېڭى تۈر ۋە سودىلارنى يولغا قويۇپ خەلقىيار زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ جايلارغا ئېچىلىشىنى، ئىستىمالچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلدى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا شىركەتلەر ئارا توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى.

جۇڭگۇ يېڭى دەۋر گورۇھىدىن ما ئەپەندى شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇنغىچە بولىدىغانلىقىنى، شىركەتنى ۋە شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوللايدىغانلىقى، شىركەت تارمىقىدىكى زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىنىڭ كۆپلەپ  ئېچىلىشىنى ئۈمۈد قىلدى.

شىنجاڭ سىگنال سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇرغۇچىسى، قانۇنى ۋەكىلى، ياشلار ئارىسىدىن چىققان ياش ناخشىچى ئىبراھىم ئەنۋەر ئەپەندى شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ زەنجىرسىمان تاللا بازارلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ۋە شىركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى مىھمانلارنىڭ ۋە شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ  ھوزۇرغا يىقىملىق ۋە شوخ ناخشىلىرىنى سۇنۇپ، پائالىيەتنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە باش لىدىر تۇداجى سىدىق ئەپەندى مۇكاپات تەقسىملەپ بەردى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا يەنى نەق مەيداندىكى شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقان ھەمكارلاشقۇچىلارغا شىركەت باش لىدىرى تۇداجى سىدىق ئۆزىنىڭ چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى بارلىق مىھمانلارغا ناھايىتى قىزىقارلىق بىر مەيدان مۇكاپاتلىق چەك تارتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بىرىپ مۇكاپات چىققان 10 نەپەر تەلەيلىك مىھمانغا 200 يۈەن قىممىتىدىكى تاللا بازاردىن مال سېتىۋىلىش كارتىسى سوۋغات قىلدى.

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىلىشىغا ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخپارات بۆلۈمىدىكىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئ‍ۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى نەق مەيداندىكى دۇكان  ئاچقۇچىلار، شىركەت باش لىدىرى تۇداجى سىدىق ۋە نەق مەيداندىكى مىھمانلارنى زىيارەت قىلدى.

نۇر تورى ئېلان بۆلۈمىدىكى مەسئۇل خادىملارمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئالاھىدە قوللىدى.

پائالىيەت ئارلىقىدا مىھمانلار كوللىكتىپ ئۇسسۇل ئويناپ سەھنىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

بىز ئىتوت گورۇپپىسىكى ئەخمەتجان قاتارلىقلارمۇ شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىگە ئاتاپ، شۇنداقلا بارلىق مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە بىر مەيدان قىزىقارلىق ئىتوت ئورۇنلىدى.

ياش ناخشىچى دىلارە ئابدۇشۈكۈر پائالىيەت نەخ مەيداندىكى مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە لىرىك ۋە شوخ ناخشىسىدىن بىر نەچچىنى ئورۇنلاپ مىھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرىدا نەق مەيداندىكى بارلىق مىھمانلار، شىركەتنىڭ تەرەققىياتغا زور ئىشەنچ، كۈچلۈك قوللاش ۋە مىننەتدارلىق پوزىتسىيىسىدە  بولدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى تۇرسۇنگۈل ناھايىتى جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھتا بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەپ نەق مەيداندىكى بارلىق مىھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاللا بازار باشقۇرغۇچى  مەسئۇل خادىملار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار كوللىكتىپ شۇئار توۋلاپ شىركەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى ۋە  شۇنداقلا كوللىكىتىپ رەسىمگە چۈشۈپ پائالىيەت ئاخىرلاشتى.

تېخىمۇ روناق تاپسۇن : شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى

تېخىمۇ تونۇلسۇن : خەلقىيار ماركىسى

تېخىمۇ كېڭەيسۇن : خەلقىيار تاللا بازىرى

ئاخىرىدا شىركەتكە ۋە شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمىز.

 شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى

0991-2208506

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى

0991-2208506

 

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى

0991-2208506

 

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى

0991-2208506

شىنجاڭ خەلقىيار سودا چەكلىك شىركىتى

0991-2208506



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号