باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 18:00 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگودىكى كۆپىنچە ئائىلىلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. چۈنكى جۇڭگولۇقلار شەخسىي ئىستېمالىدا قەرزگە ئۆي ئالمىسا، ئاپتوموبىل سېتىۋالىدۇ. بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە يىل يىغقان پۇلىنى خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا سېتىۋېلىش كىيىم-كېچەك سېتىۋالغانغا ئوخشاش ياقتۇرمىسىڭىز يۈگۈرۈپ چىقىپ ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىر ئائىلىدە پەقەت بىر ئىككى ئاپتوموبىل بولسا يېتەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن قىممىتى چۈشىدۇ، نىمكەش بولدىمۇ، ئۇنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتسىڭىز زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلى پۇشايمان قىلىدۇ. كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.

1. پەقەت كۆز ئالدىنىلا ئويلىشىپ، يىراقنى ئويلىماسلىق

مەسىلەن 25 ياشلار ئەتراپىدىكى بىرەيلەننى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ قۇربىتى يېتىدىغىنى بەلكىم سەل ئەرزانراق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل بولۇشى ياكى تاشقى قىياپىتى بىر قەدەر سىپورت كەلگەن ئاپتوموبىل بولۇشى مۇمكىن.

لېكىن بۇ بىر قىسىم كىشىلەر كەلگۈسى 3-5 يىل ئىچىدە توي قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ كىشىلەر، توي قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغىنى سىپورت ئاپتوموبىل بولماستىن، بەلكى سەل چوڭراق، راھەت ئاپتوموبىللار بولىدۇ. ئۇلار بەلكىم MPV ئاپتوموبىلىغا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە سىز قانداق ماشىنىغا بەكرەك ئېھتىياجلىق بولىسىز، بۇ تەرىپىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ ماشىنا سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. ھازىر كۆپلىگەن ھەشەمەت ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئۇنچە قىممەت ئەمەس، مەسىلەن كادىلاك ATSL. 

نۇرغۇن كىشى ئاز پۇل خەجلەپ ھەشەمەت ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم دەپ خۇش بولىدۇ، لېكىن ئۇلار كادىلاكنى ئاسراشقا كېتىدىغان خىراجەت ۋە زاپچاسلىرىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن. ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىنكى چىقىم ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىنمۇ كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر ماي سەرپىياتىنى ئويلاشمىغاندا، ئاسراش قاتارلىقلارغا كەتكەن چىقىمنى ھېسابلاپ كۆرسەك، ئۇنداقتا بۇ ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچى كېيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن.

خۇلاسە:

ئەلۋەتتە بىزمۇ دانا ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن تەكلىپىمىز، ئادەتتىكى ئائىلىلىكلەر شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامال بار تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەشەمەت ھېسابلانمايدىغان ماركىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن سەپلىمىدىكى نۇسخىسىنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

بۇ يەردىكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجە دېگىنىمىز، تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق، تېخىمۇ ياخشى ھەرىكەت كۈچى ۋە مەشغۇلاتقا ئىگە ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ھەشەمەت ئەمەس ماركا دېگىنىمىز، ئاپتوموبىل ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەننەرخ، كېيىنكى ئاسراشقا بەك كۆپ چىقىم بولۇپ كەتمەيدىغان ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئوتتۇرا، تۆۋەن سەپلىمە نۇسخىسى دېگىنىمىز سەپلىمىسى ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالايدىغان، ئەگەر ئۈچ يىلدىن كېيىن ماشىنىنىڭ ھازىرقى سەپلىمىسىدىن رازى بولمىسىڭىز، پەقەت سەپلىمىسىنىڭلا دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ، ماشىنا ئالماشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيسىز.

3. ئۆز ئېھتىياجىغا قارىماي، پەقەتلا يۈز-ئابروي ئۈچۈن ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغان كىشىلەر

ئەتراپىمىزدا بۇنداق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى مەقسىتى پەقەت بىرلا، يەنى يۈز-ئابروي ئۈچۈن ئاپتوموبىل سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن خېرىدارلار تېخىمۇ قىممەت ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالىدۇ ياكى رازمېرى تېخىمۇ چوڭ ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالىدۇ، نەتىجىدە ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، شەھەر رايونىدا ماي سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش دېگەندەك مەسلىلەرگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا چوقۇم يۈز-ئابروينى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بەكرەك قاراش كېرەك. ئەگەر ئۆيىڭىزدە بىر ئاپتوموبىل بولسا ئىككىنچى ئاپتوموبىلنى پەقەت شەھەر ئىچىدە ھەيدەيدىغانغا سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بەك چوڭ رازمېرلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

نۇرغۇن كىشى يۈز-ئابرويى ئۈچۈن ھەشەمەت ماركىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋالىدۇ، بىراق ھەشەمەت ماركىدىكى ئاپتوموبىلدىمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللار بار، مەسىلەن بازارغا سېلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ھەشەمەت ئاپتوموبىللاردىن ئاۋدى A6 ئاپتوموبىلىنى مىسالغا ئالساق، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھازىرقى ئەڭ تۆۋەن باھاسى پەقەت 350 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. لېكىن ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان ھەشەمەت ماركىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى مۇقىم بولىدۇ، BMW 5 يۈرۈشلۈكىنىڭ باھاسى 420 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر پەقەت يۈز-ئابروي ئۈچۈن ماشىنا سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئاۋدى BMW ئاپتوموبىلىدىن ئەرزان.

يەنە بىر تۈرلۈكى يۇقىرى، تۆۋەن سەپلىمە پەرقى، مەسىلەن ماگوتان (مەيتېڭ)نىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىكى ۋە ئاۋدى A4Lنىڭ تۆۋەن سەپلىمىلىكى. ماگوتان يۇقىرى سەپلىمىلىلىكنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى، ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلىنىڭ تېگى ياخشى، بۇنىڭدا ئەمدى ئەمەلىي ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ.

خۇلاسە:

ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا ئەڭ يېڭى تىپىنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يۈز-ئابروي ئۈچۈن ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولسىڭىزمۇ كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرىدە ئىچىدە، بازارغا سېلىنغىلى بىر مەزگىل بولغان، باھاسى مۇۋاپىق بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، شۇندىلا كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىش بولمايدۇ.

4. ئاپتوموبىل ئۆزىدىكى مەسىلە

كۆپىنچە ئاپتوموبىللار دەسلەپتە ئىمپورت قىلىنىپ سېتىلىدۇ، باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما بىر مەزگىلدىن كېيىن، بۇ ئاپتوموبىل دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەندىن كېيىن باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەتتا ئىمپورت قىلىپ سېتىۋالغان باھانىڭ يېرىمىچىلىك باھادا سېتىلىدۇ. كۆپلىگەن خېرىدارلار چوقۇم ئالدانغاندەك ھېس قىلىشىدۇ، مەسىلەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى لەند روۋېر، چېروكى قاتارلىقلار.

كۆپلىگەن يېڭى ئاپتوموبىللارغا نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلار سەپلەنگەن بولىدۇ، ئەمما بازارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلىدۇ. زاۋۇت يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، ھەتتا يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان، ئاخىرىدا بۇنى ئىستېمالچىلار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، ئەلۋەتتە بۇنداق ۋاقىتتا ئىستېمالچىلار چوقۇم ئالدانغاندەك ھېس قىلىدۇ.

خۇلاسە:

ئالدى بىلەن ئىمپورت قىلىپ سېتىپ، كەينىدىن دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىدىغان ئاپتوموبىللار ئەڭ سېتىۋېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئادەتتە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل بولسا ئۇنچە ئىلغار تېخنىكا سەپلەنگەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئىلغار دېگىنىمىز كاشلىسى جىق، ئاسراش تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بازاردىكى پىشقان تېخنىكىنى تاللىسىڭىز، كېيىنكى غەم-ئەندىشىڭىز ئازراق بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • flamenco lutpul3 كۈن ئىلگىرى

    مانا بۇ مەزمۇندا ئىيتقاندەك ھازېرقى جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن كىشىلەر نام ئابروي ئۈچۈنلا ئاپتۇموبىل سېتۋالماقچى بۇلىدۇ ۋە سىتۋالىدۇ ئەمما يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ سانىخا قارىمايلا قىممەت ئاپتۇمبىلنى سىتېىلىپ ئاخېردا چوڭ زىيان تارتىدۇ ۋە ئاپتۇمبىل قەرزنى تۈلەيدىخان گەپ شۇڭا ئامال بار ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئەرزان ئاپتۇموبىل سېتۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئەرزان مۇۋاپىق ئاپتۇمبىل كىيىنمۇ سىزنى ئۇنچلىك ئەپسۇسلاندۇرمايدۇ ، شۇڭا ئىناۋەت ئۈچۈن كەلگۈسى كۈنلەرنى خۇشالىققا كەيپياتقا ئىخىر تەسېر يەتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق بېر ئاساسى يۇق

  • قايدا سەن3 كۈن ئىلگىرى

    يىڭىسىنى سېتىۋالىمەن دىسەك يانچۇق قۇرۇغدىلىپ قالىدىغان ئىش،،، شۇڭا نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋىلىشمۇ ياخشى تاللاش،،، يىلى يىڭراق ماي تەرلەپ كەتمىگەن ئاپتوموبىل بولسا تېخى ياخشى،،، ماشىنا سېتىۋالغاندا رىمنوتچى دوستتىن بىرەنى بىللە ئاپارساق ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،،

  • @ باغىراش3 كۈن ئىلگىرى

    تەربىيۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر ياخشى مەزمۇن ئىكەن

  • @STOP3 كۈن ئىلگىرى

    ئادەملەر يىڭلىققا قىزقىدۇ،،،
    توغرا ئىلغار دىگەن ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئىلغار كاششىلار چىقىدۇ
    يابىي ئۆزىنى ياساش ئىقتىدارى يوق،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号