باش بەت

خەندان

1481يوللانما
101مەستانە

شياڭگاڭ ئالتۇن ھەيكەل كىنو شاھى ۋە خانىشى مەيدانغا كەلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 11:39 2 ئىنكاس چۈشتى

20180416071701240.jpg

سىنا تورى تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ، 37-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ھەر قايسى مۇكاپات تۈرلىرىگە ئېرىشكەنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ مۇكاپاتلاندى(بىر قىسىم مۇكاپات ساھىبىلىرى نەق مەيدانغا كېلەلمىدى).

شياڭگاڭ كىنو شاھى بىلەن خانىشى بىر-بىرىگە مېھىرلىك قارىشىپ كۈلۈشمەكتە.

گۇ تيەنلې «ۋەھشىي بۆرىنى ئۆلتۈرۈش.ئاچكۆز بۆرە»(杀破狼·贪狼) فىلىمىگە تايىنىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئىپتىخارلىق ھېسلىرىغا چۆمگەن گۇ تيەنلې مۇكاپات لوڭقىسىنى سۆيمەكتە.

ماۋ شۈنجۈن «ئالتۇن گۈل»(黄金花) فىلىمىگە تايىنىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ماۋ شۈنجۈن مۇكاپات لوڭقىسىنى خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ، غەلىبىسىنى تەبەسسۇم بىلەن تەبرىكلىدى.

ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا شۈ ئەنخۇا رېژىسسورلۇق قىلغان «بىزنىڭ ۋاقتىمىز كەلدى»(明月几时有) فىلىمى ئېرىشتى.

فىلىم رېژىسسورى شۈ ئەنخۇا بىلەن يۈ دوڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

«بىزنىڭ ۋاقتىمىز كەلدى»(明月几时有) فىلىمىنىڭ رېژىسسورى شۈ ئەنخۇا ئەڭ ياخشى رېژىسسور شەرىپىگە نائىل بولدى.

ئەڭ ياخشى يانداش ئەر رولچى مۇكاپاتىغا «بومبا چۇۋۇش مۇتەخەسسىسى»(拆弹专家) فىلىمىدىكى جاڭ خاۋۋېن ئېرىشتى.

پېڭ شيۇخۇي « 29+1» فىلىمى بىلەن ئەڭ ياخشى يېڭى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

لىڭ ۋېنلوڭ «ئالتۇن گۈل»(黄金花) فىلىمىگە تايىنىپ ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

خوڭ جىنباۋ «ئاچكۆز بۆرە»(杀破狼·贪狼) فىلىمىگە تايىنىپ ئەڭ ياخشى ھەرىكەت لايىھەلىگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەڭ ياخشى گۈزەل-سەنئەت يېتەكچىسى مۇكاپاتىغا «بىزنىڭ ۋاقتىمىز كەلدى»(明月几时有) فىلىمىگە قاتناشقان ۋېن نيەنجوڭ بىلەن لى گولىن ئېرىشتى.

ئەڭ ياخشى مونتاژ مۇكاپاتىغا «ئەجدىھا قوغلاش»(追龙) فىلىمىدىكى لى جياروڭ ئېرىشتى.

ئەڭ ياخشى ئوپېراتور: گۈەن جىياۋ «ئەجدىھا قوغلاش»(追龙)

ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈم مۇكاپاتى: خۇاڭ جىخېڭ، شۈ جيەن«ۋۇ كۇڭ رىۋايىتى»

باش سۈرەت تاللاش x
  • فىروزە2 كۈن ئىلگىرى

    مەن تېخى كىنو خانىشىنى لىياڭ گوڭرۇ ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ،بەكمۇ ئوخشايدىكەن دىسە

  • ئاپلېسىن رەڭ3 كۈن ئىلگىرى

    ۋۇجىڭ يوققەنغۇ ،،،،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号