باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

ئەنگلىيەدىكى تازىلىغۇچىلار «يىغىۋېلىش كېسىلى» بىمارلىرىنىڭ غەلىتىلا تۇرمۇشىنى ئاشكارىلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 16:02 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جېئورجى مېنشا ئەنگلىيەدىن كەلگەن تازىلاش مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈكتىكى خىزمىتى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان «يىغىۋېلىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆيىنى تازىلاشتۇر. ئىنتايىن غەلىتە مۇھىتتا ياشايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئۇ ھەمىشە ئويلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى بايقايدۇ.

جېئورجىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۇچراتقان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مەينەت ئۆيلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالالايدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۆيلەر ئەخلەت دۆۋۋىسىگە ئايلىنىپ ھەتتا ماڭغىلىمۇ بولمايدىغان ھالەتكە يېتىدىكەن.

تازىلاش مۇتەخەسسىسىلىرى ھەمىشە ئالەمدىن ئۆتكەن «يىغىۋېلىش كېسىلى» بار بىمارلارنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆينى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل قىپقالغان نەرسىلەر ئارقىلىق ئەسلىدىكى ئۆي غوجايىنىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرەز قېلىشىدۇ.

جېئورجىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ خىزمىتى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن ئۈچ «يىغىۋېلىش كېسىلى» بارلارنىڭ ئۆيىنى تازىلايدىكەن. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

جېئورجى تۇرۇشلۇق تازىلاش شىركىتىنىڭ غوجايىنىنىڭ دېيىشىچە، «يىغىۋېلىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھەرقانداق ياش، ھەرقانداق سالاھىيەتتە ھەتتا ھەرقانداق قاتلامدا بولىۋېرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا تاشقى كۆرۈنۈشى «ئاتتەك» خانىم-قىزلار ۋە چاچ دېگەننى مايلاپ، كاستيۇم-بۇرۇلكا دېگەننى قاتۇرۇپ كىيىدىغان سۇمباتلىق ئەرلەرنىڭمۇ بەلكىم ئۆيىدە «يىغىۋېلىش كېسىلى»گە گىرىپتار بولىدىغان بىمار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بەزىلەر ئىچىملىك قۇتىسىنى ئۆيىگە «دۆۋىلەپ ئوينىغان».

خەۋەردە دېيىلشىىچە، 2013-يىلى ئەنگلىيە خەلق ساغلاملىقى سۇغۇرتا تۈزۈلمىسى رەسمىي ھالدا «يىغىۋېلىش كېسىلى»نى ئىنسانىيەت كېسەللىكىگە كىرگۈزگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号