باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

ئەنگلىيەدىكى بىر كەنت يىلىغا ئىككى سانتىمېتىرلىق سۈرئەتتە كۆتۈرۈلمەكتە

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 11:54 3 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆي باھاسىنىڭ ھەر يىلى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق، يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنىڭ ئىزچىل يۇقىرىلىشىنى ئاڭلىمىغان بولغىيتتىڭىز. ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيە دېۋون ۋىلايىتىدىكى ۋىللاند (Willand) ناملىق بىر كەنت يىلىغا ئىككى سانتىمېتىرلىق سۈرئەتتە كۆتۈرۈلگەن. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا چوڭقۇر يەر قاتلىمىنىڭ تەسىرى سەۋەب بولغان دەپ قارىغان بولسىمۇ، كونكرېت سەۋەبىنى تاپالمىغان. ھازىر بۇ كەنتنىڭ ئىككى كىلومېتىر دائىرىسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئەنگىليەدىكى بۇ قەدىمىي كىچىك كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كەپە، بىر قاۋاقخانا، بىر كەنت زالى ۋە پۇتبول كۇلۇبى بار. ھازىر بۇ قۇرۇلۇشلار يىلىغا ئىككى سانتىمېتىرلىق سۈرئەتتە كۆتۈرۈلمەكتە. بىر دوكتۇر: «بىز ئۇچرىغان ئەڭ غەلىتە ئەھۋال دېۋون ۋىلايىتى ۋىللاند رايونىدىكى يەر يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئەنگىلىيەدە يېڭى خەرىتە سىزىلىپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ يەر يۈزىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىدى. بۇ كەنتنىڭ يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىشىمۇ مۇشۇ جەرياندا بايقالغان. بۇ خەرىتە رادار ئارقىلىق تارتىلغان يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇش ۋە كۆتۈرۈلۈشى خاتىرىلەنگەن 2000 پارچىدىن كۆپرەك سۈرەت ئاساسىدا تۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كونا كان قۇدۇقى رايونى يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىشى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن.

نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر شىركەتتىكىلەر ۋىللاند يەر يۈزىنىڭ ئۆرلەش سەۋەبى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى: «بىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن دائىرىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىدۇق، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىغىلغان ئۇچۇرلاردىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە بايقالدى. يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىق تۆمۈر يول غول لىنىيىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • @STOP3 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە مەنزىردىن قارىغاندا كۆكەرتىش مولكەن
    دەرەخ يىلتىزلىرى چوڭيىپ يەر ئىگىز كۆرۈنگەندەك،،،

  • yuzlen3 كۈن ئىلگىرى

    بەلكىم بىركۈنلەدى نەچچى مىتىر ئولتۇرشۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن بۇئارال دۇلىتىدە مۇنداق ئىشلانىڭ بۇلىشى مەنچە نۇرمال ئەھۋال …

  • tehnik3 كۈن ئىلگىرى

    ئۇنىڭ تىگىدىن يانارتاغ پارتلامدىكىن دەيمىنا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号