باش بەت

كىنوچى

2540يوللانما
166مەستانە

NBA پەسىلدىن كېيىنكى 1-ئايلانما: چاقماق كوماندىسى 108:116 جاز كوماندىسى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 12:06 8 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:30دا ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-يىللىق NBA پەسىلدىن كېيىنكى 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدە غەربىي رايوندا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان چاقماق كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان جاز كوماندىسىنى كۈتىۋالدى، ئىككى تەرەپ پەسىللىك مۇسابىقىدە تۆت قېتىم مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، چاقماق كوماندىسى ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلغان. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جاز كوماندىسى تېزلا مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى ھەمدە ئىككى خانىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، لېكىن چاقماق كوماندىسىدىكى ئۈچ چولپان تېزلا قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ نومۇر پەرقىدە تەتۈر ئاشتى ھەمدە مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا جاز كوماندىسىغا كۆپ پۇرسەت بەرمىدى. ئاخىرىدا، چاقماق كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 108:116 نەتىجە بىلەن جاز كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 0:1 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

مۇسابىقە جەريانىدا چاقماق كوماندىسىدىكى جورجى 36 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋېستبروك 29 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە سەككىز ياردەمچى پاس بېرىپ، بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئانتونىي 15 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس بېرىپ، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى ۋە ئىككى قېتىم توپ قىقىۋەتتى؛ ئادامس 12 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئۈچ ياردەمچى پاس بەردى؛ ئابرىنىس 11 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ بروۋېر يەتتە نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، بىر قېتىم توپ قىقىۋەتتى.

جاز كوماندىسىدىكى مىتچېل 27 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئۈچ ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى ۋە بىر قېتىم توپ قىقىۋەتتى؛ كروۋدېر 13 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئىنگلىس 13 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە بىر ياردەمچى پاس بەردى؛ گوبېرت 14 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە بىر ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ رۇبىئو 13 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە بەش ياردەمچى پاس بېرىپ، تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئېشۇم 10 نومۇر ئالدى ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس بەردى؛ بۇركس 10 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ فاۋرېس يەتتە نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئۈچ ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ قىقىۋەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • كۇررى.3 كۈن ئىلگىرى

    قەھرىمانلارنى سۈر توقاي قىلىشقا ۋاقىت كېتىدۇ.

  • sardar5203 كۈن ئىلگىرى

    بەكلا قىزىدى بۇ مۇسابىقە چاقماق غەلبە قىلىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمە ياخشى ماسلاشتاڭلا

  • توپ مەستانىسى3 كۈن ئىلگىرى

    دىمىسەكمۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ ھەم كوردى نەچچە قېتىم جايلىۋەتتىغۇ

  • بىر تامچە!3 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى چاقماق ،،،گوئورگى ئىپادەڭنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق بولشىنى ئۈمۈد قىلمە،،،

  • توۋا3 كۈن ئىلگىرى

    قاھرىمانلارنى سۇرتوقاي قىپ بولالمايدۇ،،،

  • uf 算了吧3 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى ئويناڭلار سىلەگە ئئۇتۇق ئامەت تىلەيمەن چىمپۇيلۇق لوڭقۇسىنى ئېلىشىڭلىغا تىلەكداشمەن

  • 神话3 كۈن ئىلگىرى

    جورج رادستىنلا ياخشى ئوينىدى ۋېستىبورىك ئانتۇنىيلارمۇ شۇ ئامەت تىلەيمىن چاقماق داۋاملىق ئالغا

  • جامىس مەستانىسى3 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى مۇشۇ ئىپادەڭلا بىلەن قەھرىمانلارنى سۇر تۇقاي قىلۋىتىشنڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号