باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

ئەنگلىيەدە 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى تۇنجى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بالىسى نامايەن بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 12:30 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شوتلاندىيە خان جەمەتى ھايۋاناتلار جەمئىيىتى ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىىسدىكى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بالىسى تۇنجى قېتىم نامايەن بولغان. بۇ 25 يىلدىن بۇيان ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان تۇنجى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بالىسى بولۇپ، ئېيىق ئانا ۋىكتورىيەنىڭ باشلىشى بىلەن مېڭىشنى ئۆگەندىكى تۇرقى تولىمۇ ئوماق ئىدى. نۆۋەتتە، بۇنىڭ جىنس ئايرىمىسىنى بىلگىلى بولمىغاچقا، ئىسسىممۇ قويۇلمىغان. 

شىمالىي قۇتۇپ ئانا-بالا ئېيىقى


شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بالىسىنىڭ تۇغۇلغىنىغا گەرچە تۆت ئاي بولسىمۇ، بىراق ئېيىق ئانىنىڭ سۈت بېرىشىگە دەخلى قىلغىلى بولمىغاچقا، ھايۋاناتلار باغچىسى ئىزچىل بۇ ئانا-بالا ئىككەيلەننى ئاشكارىلىماي، ھەتتا بالىنىڭ جىنسىنىمۇ ئاشكارىلىمىغان. بۇلارنى بىلىش ئۈچۈن يەنە تۆت بەش ئاي ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ قېتىملىق قسىقىلا نامايەن بولغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى 25 يىلدىن بۇيان ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان تۇنجى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىدۇر.

ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باشلىقى رىچادسېننىڭ دېيشىچە، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئانىسى ۋىكتورىيە تۇغۇت ئۆيىدە تۆت ئايغا ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن. تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئېيىق بالىسى تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، يېڭى مۇھىتا كۆنۈش باسقۇچىدا ئىكەن.

رىچادسېن يەنە تولۇقلاپ: «ئانا-بالا ئىككەيلەن سىرتقى مۇھىتتا پەقەت قىسقىلا ھەرىكەت قىلالايدۇ، شۇڭا بىز بارلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز، بۇنى كۆرەلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى تەلەيلىك» دېدى.

خەلقئارا تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان بىرلەشمە ئىتتىپاقنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت 260 مىڭلا قالغان. كىلماتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دېڭىز سۇلىرىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ تەبئىي كۆپىيىدىغان ماكانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى خەلقئارا شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، دالىدا شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 15 يىلدىن 18 يىلغىچە بولۇپ، قوتان ئىچىدە بېقىلغان شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى 30 يىلدىن يۇقىرى ياشىيالايدىكەن. رىچادسېننىڭ دېيىشىچە، شوتلاندىيە ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى پىلانى مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان.

ئىككى يىل بۇرۇن، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئانىسى ۋىكتورىيەنى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دادىسى ئالف توسقا تۇنجى قېتىم تونۇشتۇرغاندا، ئۇ ئىنتايىن ئېھتىيات قىلغان. 

رىچادسېننىڭ دېيشىىچە، ئەركەك شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى چىشى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنى ئۆلتۈرۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر تونۇشتۇرۇش جەريانى مۇۋاپىق بولمىسا ياكى بەكلا تېز بولۇپ كەتسە، بۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ياخشى ۋاقىتنى ئۆتكۈزۋەتسە، ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا بىر چىشى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号