باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

گۈزەل ئارتىس توڭ لىيا «خاپانباش لېي ئاكا» بىلەن دوستلۇقتىن «چىقىپ» كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 16:45 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ كىنو بايرىمىنىڭ قىزىل گىلىمىدە، توڭ لىيا ئۇچىسىغا سۇس كۆك رەڭلىك مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىپ، پەرىزاتلارغىلا ئوخشىغان بولۇپ، بىراق ئۇنىڭ مەيدانغا بىللە كىرىدىغان ھەمراھى سەل «ئەسقاتماي» قالغانىدى.

توڭ لىيا مىكرو بىلوگىغا لېي جيايىننىڭ ئۆزىنى «سۆرەپ» يۈرۈپ قىزىل گىلەمدە ماڭغانلىقىنى سۆزلىدى. يەنە كېلىپ، ئۇلار سۈرەتكە چۈشىۋاتقاندىمۇ ئۇ قولىغا تۈكۈرۈپ قويغانىدى. 

شۇنچىلىك بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغان توڭ لىيا لېي جيايىن بىلەن بولغان دوستلۇقىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولدى.

نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدىن قارايدىغان بولساق، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. توڭ لىيا بىلەن بىللە ماڭغان لېي جيايىننىڭ بېشى تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل جەرياندا توڭ لىيا راستىنلا «سۆرەپ» مېڭىلغاندەك قىلاتتى. بىلمىدۇق، لېي جيايىن نېمىگە ئالدىراۋاتىدىكىنتاڭ، ئىككەيلەننىڭ بۇ ھالىتى «بازارغا ئالدىرغانلار»غىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئاران تەسلىكتە ئىمزا تېمىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە بولسا، لېي جيايىن يەنە جىم تۇرماي، توڭ لىيانىڭ ئىسمىنىڭ يېنىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىگە قارىتىلغان ئىستىرىلكا بەلگىسىنى سىزىپ قويدى.

توڭ لىيا لېي جيايىن ئۈستىدىن «ئەرز» قىلىشتىن بۇرۇن، لېي جيايىن مىكرو بىلوگىغا: «كۆزىڭىزنى چەكچەيتىپ ماڭا قاراپ نېمە ئىش قىلماقچى، مېنىڭچە، قىزىل گىلەمدە ماڭسا بەك ياخشى بولىدىكەن»، دېگەندە، توڭ لىيا: «تۈفى»، دەپ جاۋاپ قايتۇردى، قارىغاندا، بۇ قېتىم توڭ لىيانىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ئوخشايدۇ.

توڭ لىيانىڭ پارچە ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، لېي جيايىننىڭ ياخشى دوستى لى گۇاڭجىمۇ توڭ لىيا تەرەپتە تۇرۇپ: «مۇشۇنداق دوستلۇقنىمۇ شۇنچىۋالا ئۇزۇن داۋاملاشتۇرۇپ كەپسىز، ئىچىم ئاغرىپ قالدى»، دېدى.

توڭ لىيا بولسا، لى گۇاڭجىغا ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. كىم بىلسۇن، لېي جيايىن يەنە جىم تۇرماي: «نېمىشقا ھەمىشە مۇشۇنداق، ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ يېنىمدىن كەتكۈزۈۋېتىمەن»، دېگەن بىر پارچە سۈرەتنى يوللاپ، پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن، يەنە توڭ لىياغا تەسەللىي بېرىپ، كېيىن مەيلى نېمىلا بولسۇن، كېيىنكى ئىش دېگەن كېيىنكى ئىش، نېمىشقا مەندە خاتا ئىش قىلغاندەك تۇيغۇ بولمايدۇ، دېدى.

لېي جيايىننىڭ ئىنكاسىغا قارىتا، تورداشلارمۇ بەس-بەستە: «خاپان باش ئۆزىنى ئاقلىمىسۇن»، «شۇنچىلىك ئوماق ياياغا نېمىلەرنى قىلدىڭىز، ئوماق پەرىزات سىز سەۋەبلىك نېمە بولۇپ كەتتى»، «خەق دېدى، كېيىن يوقكەن»، دېيشىتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号