باش بەت

كىنوچى

2540يوللانما
166مەستانە

كىرىستىيانو رونالدو ھازىرمۇ ئىرىنانى ياخشى كۆرىدۇ

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 14:25 28 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە تاراتقۇسى «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو رونالدو دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ سابىق قىز دوستى ئىرىنانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىرىنا 2010-يىلى تونۇشقان، ئەمما 2015-يىلى ئىككەيلەن بەش يىلغا سوزۇلغان مۇھەببەت سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى. يېقىندا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىر دوستى ئۇنىڭ ھازىرمۇ ئىرىنانى ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىرىستىيانو رونالدونىڭ دوستى مۇنداق دېگەن: «كىرىستىيانو رونالدو ھازىرمۇ ئىرىنانى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەينى يىلىدىكى ئايرىلىش ئۇسۇلىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە ئىرىنانىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىرىنانىڭ ئايرىلىپ كېتىشتىكى سەۋەبى ئىرىنانىڭ بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى بولۇپ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدو ئەينى ۋاقىتتا چوڭ ئوغلى سانتوس بولغاچقا، بارلىق زېھنىنى مۇسابىقە مەيدانىغا قاراتماقچى بولغان. كىرىستىيانو رونالدونىڭ دوستى: «كىرىستىيانو رونالدو ئىرىنانىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان، ئۇ ھازىر ئىرىنا بىلەن برادلېي كوپېرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھەسەت قىلىدۇ.» (ئىرىنا ھازىر برادلېي كوپېر بىلەن بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى)

2016-يىلى 11-ئايدا، كىرىستىيانو رونالدو ئىسپانىيەلىك مودېل جورجىنا بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىككەيلەن بۇلتۇر 11-ئايدا بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەردانمەردان3 كۈن ئىلگىرى

    زۇبەيدەمۇ بۇنى تورلاردىن كۆرۈپ بىلىپ دەيدۇ.سەنلەرنىڭ ئۇنى بۇنى دېيىشىدىغان ھوقۇقۇڭ يۇق

  • مەردانمەردان3 كۈن ئىلگىرى

    بارسېلوناچىلار ماۋۇ نۇر تورىدا زۇبەيدەگە ئۇنى بۇنى دېيىشمە ئۆزۈڭنىڭ سۈپىتىڭنى ئۆزۈڭ ، چۈشۈرىدىغان بىر نېمىلەر ئىكەنسەنئ

  • نەۋباھار3 كۈن ئىلگىرى

    ئەسلى بالىلىق بولۇشنى ئوتتۇرغا قويغىنى رونالدو، ئېرىننا مودىل بولغاندىن كىيىن تۇغۇتتىن كىيىن بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بالىلىق بولۇشنى رەت قىلغان، ھەم رونالدونىڭ ئاپىسى بىلەن ئىزچىل چىقىشامماي كەلگەن، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك رونالدونىڭ ئۇ قىزنى سېغىنغىنى پەقەت تاراتقۇلانىڭ تاپقان گېپى، رونالدونىڭ ھازىرقى ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە ئەڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ كەلدى تاراتقۇلار پەقەت ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق يېڭى خەۋەرگە ئېرىشىپ پۇل تاپماقچى، نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە تەپ تاتماي رونالدونىڭ ئېرىننانى سېغىنغىنى يالغان دەپ خەۋەر چىقىدۇ

  • It's over3 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي باللا قىززىق ھە سىلە، جورجىنا پىركازچىك مودىل ئەمەس ، راس مودىل ئەمەس ئەمما ئۇ يىرنى تۇتىۋالمىساڭلامۇ بولىدىغۇ.مىنىڭچە ئىرىنادىن ئايرىلىپ ياخشى قىلدى ، چۈنكى ئىرىنا توي قىلدىغان قىزلا تىپىدىن ئەمەس،ئارلاشسا بولىدۇ خالاس،ھازىرقى قىز دوستى بەلكىم ئىرىنادەك جەلىپكار ئەمەستۇ ئەمما توي قىلىشقا لايىقكە ، ئەلۋەتتە ئەسلەيدۇدە چۈنكى بەش يىللىق مىھرى تۇرسا قەتتىي ئەسلىمەي مۇمكىنمۇ.

  • Zayer3 كۈن ئىلگىرى

    زوبەيدە رونالدو مەستانىسى .پەقەت رونالدونىڭ ئائىلسىنى خان جەمەتىدەك تەسۋىرلەپتۇ . بۇنىڭ سىلەر بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى . بەزى باللار رونالدو نىڭ خەۋرىنى ئاڭلىسا ئىچىنى بىرنىمە يەيدۇ زادى . نىمىشقا ئۆزەڭلىنى ئۇنچىۋالا چاندۇرسىلەر بايقۇشلار . زوبەيدە مىسسىنى بىرنىمە دىمەپتۇ يا ؟

  • Real Madrid3 كۈن ئىلگىرى

    جورجىنا بىلەن ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغنىغا قاتنىشىپ ئىككى ئېغىز سۆز قىلۋەتسىلا تۈگەيدۇ بۇ گەپمۇ
    بۇرۇنقى لايىقنى ياخشى كۆردىغانلىقنى راسمۇ دەيلى ئۇنداق بولسىمۇ نىم بوپتۇ كۆڭۈل ئىشغا بىر نىمە دىمەك تەس
    ما ئاغىنىسمۇ ئەمما لىكىن باشقىچە ،بىر ئىغىز گەپ ئىچدە ياتمايدىغان پوچتا ئىدارىسدا ئىشلەيدىغان چىراي………

  • جامالىم3 كۈن ئىلگىرى

    ئېرىنا ھازىرقى قىز دوستىدىن كۆپ چىرايلىق ئىدى

  • زۈبەيدە 7773 كۈن ئىلگىرى

    ساراڭمۇ ما خەق، خان جەمەت دىگىنىم رونالدونىڭ ئۆيى ئەمەس خان مادرىد كوماندىسىنى دىمەكچى

  • سەنسىز.3 كۈن ئىلگىرى

    زۇبەيدە دىگەن كاس كاس ئەمدى خان جەمەتى دەيدىيا قۇسقۇمنى كەلتۇرۇپ ،
    رونالدو دىسە تاس قالىدىكەن نىمىنى نىمە قىپ كەتكىلى

  • Zayer3 كۈن ئىلگىرى

    بەلكىم تاراتقۇلار تاپقان گەپتۇ . يا بولمىسا دوسلىرى ئاشۇرۇپ دەپ قويغاندۇ ، ئانىسى بىلەن چىقىشالمايدىغىنى راست ، رونالدو بەرىبىر ئانىسىنى تەرەپ بولىدۇ دە . شۇ چاغلاردىمۇ تاراتقۇلار دىگەن بىرنى ئون قىلىپ . ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس دەپ . ئۇنىمۇ دەيمىز بونىمۇ دەيمىز تەقدىر .يەنىلا يېنىدىكىسى ياخشى .ھەم بىر بالسىمۇ بوپ بولدى . شۇنىڭ بىلەن بەخىتلىك بوپ كەتسۇن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号