باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

ئېكىلوگىيە پائالىيەتچىسى كىشىلەرنى ئېكىلوگىيەنى قوغداشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 14:22 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىروكىلىن باغچىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا تۇرىدىغان باكېل (David Buckel) نيۇيوركتىكى داڭلىق ئادۋوكات، شۇنداقلا داڭلىق ئېكىلوگىيە پائالىيەتچىسى. ئۇ كىشىلەرنىڭ قېزىلما يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئېكىلوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ باغچىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالدى.

داڭلىق ئادۋوكات باكېر شۇ جاي ۋاقتى 14-ئاپرېل سەھەردە ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرى بىروكىلىن باغچىسىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالدى. ۋەسىيەتنامىسىدە ئۇ ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق قېزىلما بايلىقلارنى كۆيدۈرۈپ يەر شارى ئېكىلوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«سەھىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 14-ئاپرېل قۇياش چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىروكىلىن باغچىسىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە دەرھال نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن داۋىد باكېلنىڭ كۆيۈپ كەتكەن جەسىتىنى بايقىغان. 

بىر ۋەسىيەتنامىدە باكېلنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ئارقىلىق «خىمىيەلىك يېقىلغۇلار»نىڭ يەر شارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. نەق مەيدانغا قالدۇرۇلغان خەتتە: «ئىسمىم داۋىد باكېل، بايا ئۆلۈۋالدىم. كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقلىرىم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن. ئۆلۈمۈمنىڭ شەرەپلىك بولۇشىنى، بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا خىزمەت قىلالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن» دېيىلگەن.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەسەتنى باغچىدا يۈگۈرگىلى كەلگەن بىرەيلەن بايقاپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ھەم دەرھال ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرگە مەلۇم قىلغان. بىراق، ئۇزۇنغا قالماي يېتىپ ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

باكېل 1987-يىلى كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى نيۇيورك شەھىرىنىڭ دۈملەنمە ئوغۇت تۈرى ھەمكارلىقىغا قاتناشقان. بۇ تۈرنى شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەجرىبە نۇقتىسى بىروكىلىن باغچىسى ئىچىدە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • @STOP3 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىل ھەممىمىز مۇھىتنى ئاسرايلى
    بىزنىڭ بىرلا يەرشارىمىز بار،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号