باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

شەرق شامىلى فېڭشىڭ T5 ئاپتوموبىلىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 15:15 0 ئىنكاس چۈشتى

شەرق شامىلى فېڭشىڭ T5 ئاپتوموبىلىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا شەرق شامىلى فېڭشىڭ ئورگان تەرەپ قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئىخچام تىپتىكى SUV ئاپتوموبىلى فېڭشىڭ T5 ئاپتوموبىلىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، يېڭى ئاپتوموبىل شەرق شامىلى فېڭشىڭ 3.0 دەۋىرنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يېڭى لايىھە ئۇسلۇبىنى قوللانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى ئاپتوموبىل 25-ئاپرېل ئېچىلىدىغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن، تېڭشۈن بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاپتوموبىل تور سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى

بۇ قېتىم ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان تەشۋىقات سۈرەتتىن قارايدىغان بولساق، يېڭى ئاپتوموبىل ئالدى يۈزىگە چوڭ ئېغىز شەكلىدىكى ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى لايىھەسى قوللانغان، بىرلا ۋاقىتتا بىر توم خىروم يالىتىلغان سالاسۇننى ئىككىگە بۆلگەن ۋە ئىككى يېنىدىكى LED چوڭ چىراغ بىلەن تۇتاشتۇرغان، ناھايىتى ئېنىق قاتلاملىق تۇيغۇدا چىققان. بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىل ئالدى ئورالمىسى لايىھەسىگە سىپورت تۇيغۇسى قوشقان.

يېڭى ئاپتوموبىل ھازىر مودا بولىۋاتقان لەيلىمە شەكىللىك تورۇس لايىھەسى قوللانغان، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىغا كېسىپ ئۆتۈش شەكلىدىكى لايىھە قوللىنىلغان، LED يورۇقلۇق مەنبەسىدىكى چىراغ ياندۇرغاندىن كېيىن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى يېڭى ئاپتوموبىل قۇيرۇق قىسمىدا  «FORTHING» بەلگىسى بار، بۇ بەلكىم شەرق شامىلى فېڭشىڭنىڭ يېڭى جەمەت LOGO بولۇشى مۇمكىن.

ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلغا تېڭشۈن بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاپتوموبىل تور 2.0 سىستېمىسى سەپلىنىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号