باش بەت

كىنوچى

2540يوللانما
166مەستانە

NBA پەسىلدىن كېيىنكى 1-ئايلانما: راكېتا كوماندىسى 101:104 ئورمان بۆرىسى كوماندىسى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 14:25 5 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00دا ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-يىللىق NBA پەسىلدىن كېيىنكى 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدەراكېتا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئورمان بۆرىسى كومانسىدىنى كۈتىۋالدى، ئورمان بۆرىسى كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرگەن بولۇپ، راكېتا كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسىنى تۆت قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە راكېتا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ھالىتى ئويلىغاندەك بولمىدى ھەمدە ئىككى خانىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئورمان بۆرىسى كومانسىىنىڭ يېتىشىۋېلىشىغا ئۇچرىدى، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا خاردېن بىلەن كاپېلا قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ راكېتا كوماندىسىنى يېرىم مەيداندا 47:54 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە راكېتا كوماندىسىنىڭ خاردېندىن باشقا توپچىلىرىنىڭ قول سېزىمى ياخشى بولمىدى، لېكىن خاردېن ئۆزى يالغۇز ئورمان بۆرىسى كوماندىسىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى ھەمدە تۆتىنچى ئۇچرىشىشتا 13 نومۇر ئېلىپ، راكېتا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىنى كونترول قىلىشىغا ياردەم قىلدى. ئاخىرىدا، راكېتا كوماندىسى 101:104 نەتىجە بىلەن ئورمان بۆرىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 0:1 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

مۇسابىقە جەريانىدا ئورمان بۆرىسى كوماندىسىدىكى بۇتلېر 13 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئۈچ ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدىل ۋىججىنىس 18 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ توۋنىس سەككىز نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس بەردى؛ تېگ 15 نومۇر، توققۇز گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە سەككىز ياردەمچى پاس بەردى؛ گىبسون توققۇز نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ كلاۋفورد 15 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس بەردى؛ روس 16 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە تۆت ياردەمچى پاس بەردى؛ گورگۇي دىئېڭ يەتتە نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

راكېتا كوماندىسىدىكى خاردېن 44 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە سەككىز ياردەمچى پاس بەردى؛ پائۇل 14 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە تۆت ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ كاپېلا 24 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ قىقىۋەتتى؛ گوردون يەتتە نومۇر ئالدى ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس بەردى؛ نېنې بەش نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ئارېزا ئۈچ نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گرېن تۆت نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇچاريولۋاس3 كۈن ئىلگىرى

    روسى يامان ئەمەس ئوينىدى

  • شىرئەلىجان203 كۈن ئىلگىرى

    بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىغا چىقىدىغانغا مەشىق قىلىۋاتىدۇ دەپ يۇللاپ قۇيۇپتىغۇ بەيدۇ دا بەلكىم ئەمدىدىن تارتىپ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن

  • شىرئەلىجان203 كۈن ئىلگىرى

    تاس قالدى يىڭىلىپ قالغىلى ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جۇچىنى چىقىرمىغىنى ياخشى ئەھۋال

  • شىنجاڭ كوماندىسى راكتا كوماندىسى مەستانىسى3 كۈن ئىلگىرى

    ئەمما ، لېكىن بۈگۈن خاردىن ، ۋەھشىي ئوينىۋەتتىجۇمۇ غەيرەت قىلىڭلار ، غەيرەت غەيرەت

  • سەرۋاز13143 كۈن ئىلگىرى

    راكىتانىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى يارلانغان لىق سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقالمايدۇ ئۇنىڭ ئورنىغا جوۋچى نى چىقىرىشنى قارار قىپتىكەن بۇلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号