يەر شارى تورى 14-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا بىر مۇھەببەتلىك كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن سىن توردا كەڭ تارقالغان. بۇ سىندا ئامېرىكىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى باققان بۇقاباش ئىتنىڭ ئىگىسىنىڭ بوۋىقىنى تەۋرىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى. تېخىمۇ مۇھىمى بوۋاق تولىمۇ شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى. بۇ ئىت شۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرەتكەچ ئۆزىمۇ مۈگدەپ قېلىپ تولىمۇ ئوماق ۋە قىزىقارلىق ھالەت شەكىللەندى.
سىندا ئىتنىڭ كىرىسلودا يېتىپ تۇرۇپ بۆشۈكنىڭ بىر تەرىپىدىن تۇتقىنىچە تەۋرىتىۋاتقانلىقى، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆزىمۇ مۈگدەپ قالغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئىتنىڭ ئىگىسى بۇ ئىشنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.