باش بەت

قەدرۇس65

1494يوللانما
23مەستانە

300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تەڭگە پۇلىنى قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرالماي غەمگە پاتقان بوۋاي

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 14:46 3 ئىنكاس چۈشتى

سوخۇ تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يەردىكى بۇ تەڭگە پۇللارغا قاراپ قويۇڭ، جەمئىي سوممىسى 300 مىڭغا يېتىدۇ. لېكىن پۇللارنىڭ ئىگىسى جاڭ بوۋاي ئانچە خوشال بولۇپ كەتمىدى، چۈنكى بۇنى رەتلەپ چىقىش ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق بىلىندى. بۇ پۇللار شىركەتنىڭ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان تەڭگە پۇللۇق كىر يۇيۇش ماشىنىسى بىلەن ئاھالىلىكلەر رايونىدىكى تەڭگە پۇللۇق توكسىكىلىت كەسىپىدىن كەلگەن.

بېشىدا جاڭ بوۋاي بۇ تەڭگە پۇللارنى تاللا بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ قەغەز پۇلغا تېگىشكەن، لېكىن تاللا بازىرىنىڭ ئېھتىياجى چوڭ بولمىغاچقا قالغان تەڭگە پۇللار يىغىلىپ تاغ كەبى دۆۋىلىنىپ كەتتى.

بۇ جاڭ بوۋاينى غەمگە سالدى، بۇ پۇللارنى خىزمەتچىلىرىگە مائاش سۈپىتىدە تارقاتقىلى بولمايدۇ، بانكىغا ئېلىپ بارسا تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق.

بانكىدا بىر كۈندە پەقەت 2000 يۈەنلا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، جاڭ بوۋاي يولغا 300 مىڭ يۈەن تەڭگە پۇل تېگىشىمەن دەپ يېزىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىمەكچى بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەيسەر راخمان3 كۈن ئىلگىرى

    بىزنىڭ مەكتەپتىكى كىرئالغۇغىمۇ تەڭگە سالاتتى.كىر يۇيۇش ئۈچۈن قەغەز پۇلنى تەڭگىگە ئالماشتۇرۇپ ئاندىن يۇياتتۇق.بەك ئاۋارىچىلىق ئىدى.بۇ يىل كىرئالغۇلارنى ئالماشتۇرۇپ ئۈندىدار ئارقىلىقلا چىقىم قىلغىلى بولدىغان قىلدى.بەك قۇلايلىقلاشتى.

  • @STOP3 كۈن ئىلگىرى

    تەڭگە بولسىمۇ پۇلكەن،،،
    بەزىلەر تىخى يەنە بىر قەدەم كىيىن شۇلارمۇ ئامال يوق،،،

  • ئ****گ3 كۈن ئىلگىرى

    ئەمدى ئۆزگەرتىپ ئۈندىداردا ھەق ئالسا بولىدۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كىر ئالغۇلىرى ئاشتا نەق پۇللا كىردۇ تەڭگە پۇل يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号