باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

گوللاندىيەدە بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ماشىنا ئىجاد قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 21:31 11 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 14-ئاپرېل، گوللاندىيە ئامىستىردام، كىشىلەر ئامىستىردامدىكى دەپنە مۇراسىمى كۆرگەزمىسىدە مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ «ئۆلۈۋېلىش كاپسۇلى ماشىنىسى»نى سىناق قىلدى. ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3D بېسىپ چىقىرىلغان بۇ «ئۆلۈۋېلىش كاپسۇلى ماشىنىسى»نى ئاۋسترالىيەلىك ئازابلانماي ئۆلۈۋېلىشنى قوللىغۇچى دوختۇر نىچسك ۋە گوللاندىيەلىك لاھىيەلىگۈچى بەننىك بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان.

بۇ كاپسۇل ماشىنىسىنىڭ نامى ساركو (Sarco)، يەنى ئىنگلىزچىدىكى «تاش جەسەت ساندۇقى» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى. بۇ ماشىنىغا ئايرىلما شەكىللىك كاپسۇل بۆلمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئىچىگە ئازوت گازى ساقلىنىدىغان قاچا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نىچسك بۇ ماشىنىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ: «ئۆلۈۋالغۇسى بارلار كۇنۇپكىنى بىرلا بېسىۋەتسە كاپسۇل بۆلمىسىگە ئازوت گازى تولىدۇ. ئارقىدىن، ئۇ ئادەم بېشى قايغاندەك بولۇپ تېزلا ھوشىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېدى.

ئۇ بۇ ماشىنىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. نىچسك: «(قايسى ۋاقىتتا ئۆلۈشنى تاللاش) ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق. ھاياتتىن ئىبارەت قىممەتلىك سوۋغىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنى بېرىۋېتىش ۋاقتىنى ئۆزىڭىز تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ماشىنىدىن پايدىلانغاندا بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ئىش ھەل بولىدۇ، پويىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى. نىچسك ئۇزۇن يىل ئازابلانماي ئۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكتىن «ئۆلۈم دوكتۇرى» دەپ ئاتالغان.

بۇ ماشىنىنى قوللىغۇچىلار ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بېرىلگەن «ئۆلۈمنى ئىزدەش ئەركىنلىكى»، شۇنداقلا بىر خىل ھۆرمەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق، قارشى تۇرغۇچىلار بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئاتالمىش قولايلىقلىقىنىڭ كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ناچار بولغاندا ئاسانلا ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەستانە mi1 كۈن ئىلگىرى

    ئاغىنلە ھايات دېگەن ئەگىر توقاي بۇلدۇ،بۇ ئىجادىيەت بومماپتۇ، ھايات قىممەتلىك

  • خەلق2 كۈن ئىلگىرى

    ئىنكاسلا مېنى سەل ئەنسىرىتىپ قويدى، ئانىسى توققۇز ئاي قوساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت، ئارزۇ- ئارمان بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسا بىر ئېغىز رەھمىتىغۇ يوق، ئاشۇلانىڭ ئەجرىنى بىراقلا يوققا چىقىرىپ ھەسرەت-نادامەتكە تاشلاپ ئۆلىۋالماقچى بوغانلانى بولدى دىگىچە دۇمبالاش زۆرۈردۇر

  • سەردار ئېلىكتىرونى2 كۈن ئىلگىرى

    بىمەنە ئىنكاسلارنى يېزىپ ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلىپ ئولتۇردىكەنسىلە

  • 错的是这个世界2 كۈن ئىلگىرى

    بۇياقلاغا قاچان كىلە ……

  • نۇرئەلى،،،2 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى ئىجادىيەت كەن.مېنىڭمۇ بىرنى سېتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ.

  • @STOP2 كۈن ئىلگىرى

    راس بولدىكەن،،، ئۆلۈمنى قۇبۇل قىلماي ئىلاجىمىز يوق،،،

  • 2 كۈن ئىلگىرى

    ئازاپ تارتمايدىغان ئىش بولسا مۇشۇ بولغۇدەك

  • ئويۇنچى0073 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى نەرسە ئىكەن قايسى توردىن تاپقىلى بولىدۇ؟ ئېنىق دېمەمسىلەر بىرنى زاكاس قىلاي دېگەن.

  • m@nsur3 كۈن ئىلگىرى

    ئۇ نەرسە ئەڭ ياخشىسى يوق قىلىۋەتىكەن ياخشى.بولمىسائاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.

  • قايدا سەن3 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى ئىجادىيەت بوپتۇ مىنىڭ سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号