باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

فىرانسىيە 1-خانىمى بىرىگىتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 15:14 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرىگىتنىڭ فىرانسىيە 1-خانىمى بولغىنىغا بىر يىل بولاي دېدى. فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» بۇ ئالاھىدە كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىرىگىتنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى ئاشكارىلاپ كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇردى.

ئىلگىرىكى 1-خانىملاردىن پەرقلىق ھالىدا بىرىگىت فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى ئاز قاتنىشىدۇ. ئۇ خەت ئوقۇشنى خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى، شۇنداقلا كۈندىلىك مەشغۇلات تەرتىپىنىڭ بىرى قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ 1-خانىمغا ھەر كۈنى 200 پارچىدىن كۆپرەك خەت كېلىدىغان بولۇپ، سابىق 1-خانىم كارلا بىرۇنىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەن. بىرىگىتنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەن بۇ خەتلەرنى ئىككى سائەت سەرپ قىلىپ تەكشۈرۈپ بىرىنچى تاللاشتىن ئۆتكۈزىدۇ.

بىرىگىت ئادەتتە خەت ئوقۇشتىن باشقا، يەنە دائىم ئېلىسى سارىيىدا تۇرۇپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر، باشقا مىنىستىرلەر قوبۇل قىلىشقا ۋاقتى چىقمىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بىراق، بۇ پائالىيەت تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانمىغانلىقتىن ناھايىتى ئاز خەۋەر قىلىنىدۇ. ئۇ يەنە بالىلارغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى مېيىپ بالىلار ۋە بېكىنىۋېلىش كېسىلى بار بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلەرنى يولغا قويغان.

بىرىگىت يەنە ئېلىسى سارىيىدىكى خىزمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇۋېلىشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا دائىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كوچىدا، سېنا دەرياسى بويىدا سەيلە قىلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا سۈرەتكىمۇ چۈشىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چەكسىز ئۇپۇق3 كۈن ئىلگىرى

    قىرى خوتۇنلا بىلەن خوشام يوق ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号