باش بەت

زىيارەت

2289يوللانما
27مەستانە

ئىتالىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانما: يۇۋېنتۇس 0:3 سامپدورىيا

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 15:12 2 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 0:00دە، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانىز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سامپدورىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن مانزۇكىچ بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن خوۋېدىس بىلەن قېدىرا بىردىن توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمەي، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن سامپدورىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 45 مىنۇت بولغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھۇجۇم قوزغاپ، دوگلاس كوستا سول تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ، قاپقا ئالدىغا پاس تاشلىدى، مانزۇكىچ قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى يۇۋېنتۇس 0:1 سامپدورىيا.

مۇسابىقە داۋاملىشىپ 60 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، يۇۋېنتۇس كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دوگلاس كوستا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سول تەرەپتىن توپنى قاپقا ئالدىغا پاس تاشلىدى، خوۋېدىس قاپقا ئالدىدا، توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى يۇۋېنتۇس 0:2 سامپدورىيا.

مۇسابىقە باشلىنىپ 75 مىنۇت بولغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دوگلاس كوستا ئوڭ تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا پاس تاشلىدى، قېدىرا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە نۇقتا توپ تېپىش ئورنىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دوگلاس كوستا ياردەم پاس بېرىشتا «قالپاق ئويۇنى» ئوينىدى، مەيدان نەتىجىسى يۇۋېنتۇس 0:3 سامپدورىيا.

كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن سامپدورىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۇدا 19 ئايلانما مەغلۇپ بولماسلىقتەك قالتىس نەتىجە ياراتتى، بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە ناپولى كوماندىسى بىلەن مىلان كوماندىسى تەڭلىشىپ قالغانلىقتىن، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ناپولى كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقنى داۋاملىق چوڭايتتى.

  

باش سۈرەت تاللاش x
  • 尤文图斯3 كۈن ئىلگىرى

    دۇگلاس مەيدانىڭ يۈركى بەكتىرىشچان تۇپچى

  • نۇر 35303 كۈن ئىلگىرى

    دوگىلاس پاس بىرىشكە ماھىركەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号