باش بەت

راخمان سايكىن

1227يوللانما
7مەستانە

16 يېشىدا ئېغىرلىقى 120 كىلوگىرامغا يەتكەن ئەرنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى


گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

 بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن Biby ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇركىنافاسو (Burkina Faso) دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقىمۇ بەش كىلوگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، نورمال بالىلارنىڭكىدىن خېلى ئېغىر ئىدى. بەش ياشقا كىرگەن Biby تېخىمۇ سەمىرىپ كەتتى.

كىچىك Biby نىڭ تەنتەربىيەگە ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئىدى. ئۇ 16 ياشقا كىرگەن يىلى بەدەن ئېغىرلىقى ئاللىبۇرۇن 120 كىلوگرامىغا يەتتى. كۆكرەك ئايلانمىسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلىپ 122 سانتىمېتىرغا يەتتى. ھەم ئېگىز ھەم سېمىز Biby مەكتەپتە دائىم ساۋاقداشلىرىنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرايتتى.

Biby كېيىن ئورۇقلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلاپ، بىر قىسىم كۆكتاتلارنى ۋە بانان تۈرىدىكى مېۋە-چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ خىلدىكى يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىگە تازا ماس كەلمەيدىغانلىقى بايقاپ، يەنە ئەسلىدىكىدەك باشقا تۈردىكى يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە باشلىدى. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Biby يەنە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ چېنىقىشقا باشلىدى. ئۇزۇن مەزگىل بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، دوستلىرى ياراتمايدىغان گۆش پومزىكىدىن قاۋۇل ئەرگە ئۆزگەردى. ئۇ يەنە ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى.

2013-يىلى Biby ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەم تۇنجى قېتىملىق ئۇتۇققا ئېرىشتى. شۇ يىلى ئۇ يەنە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشتى. ھازىر ئافرىقىلىق بۇ يىگىتنىڭ نىشانى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قاۋۇل ئەرگە ئايلىنىش. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قارىغاندا، ئۆز ئارزۇسىغا يېتىشىمۇ ئانچە قىيىنغا توختىمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号