باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

چوڭ بۇشنىڭ ئايالىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئۆيىگە قايتىپ كۈتۈنۈشنى قارار قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 15:21 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چوڭ بۇشنىڭ ئىشخانىسىدىكىلەر 15-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ سوزۇلما ئۆپكە كېسىلى ۋە قان تولۇش تىپىدىكى يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئامېرىكا سابىق 1-خانىمى باربارا بۇشنىڭ سالامەتلىكىنى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ داۋاملىق داۋالانغۇسى كەلمەي ئۆيىدە كۈتۈنۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «يېقىنقى بىر مەزگىللىك داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوختۇرلار 92 ياشلىق باربارانىڭ يەنە داۋالىنىشنى خالىماي كۈتۈنۈشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

باربارا 1925-يىلى6-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، چوڭ بۇش بىلەن 16 يېشىدا تونۇشۇپ، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، چوڭ بۇش بىلەن توي قىلغاندا ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەنىدى.

باربارا 70 نەچچە يىل ئىلگىرى ياتلىق بولغان ئاشۇ ئادەمنى ھېلىھەم چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن سۆيىدۇ. ئىككەيلەننىڭ جەمئىي ئالتە بالىسى بار.

بۇ 1989-يىلى چوڭ بۇش زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن قەسەم قىلىۋاتقاندا تارتىلغان سۈرەت.

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق سىياسىيونى نەنسىي پېلوسى، چېلسىي كىلىنتون قاتارلىقلار ئىلگىرى ئالاقە ۋاستىلىرىدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك تىلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号