باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

ساختا نومۇر تاختىسى ئاسقان ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى تونىمايمەن دەپ تۇرۇۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 16:01 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا نەنچاڭلىق بىر ئەر ساقچىخانىغا كېلىپ، ماشىنىسىغا باشقىلارنىڭ ساختا نومۇر تاختىسى ئېسىپ ھەيدەپ ئون نەچچە قېتىم قائىدىگە خىلاپ قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ بۇ دېلوغا قايتىدىن قاراپ چىقىشىنى ئېيتقان. لېكىن ساقچىلار تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىشنىڭ ئۇ ئەر دېگەندەك ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىنفىنىتى ماشىنىسىغا 2-ئايدا ساختا چى فامىلىلىك «赣MG8111» نومۇر تاختىسىنى ئېسىپ ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن تېخنىكىلىق سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ ماشىنىنىڭ ئەسلى تاختا نومۇرىنىڭ «MV6266» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

ساختا نومۇر تاختىسى ئاسقان ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋاڭ فامىلىلىك چى فامىلىلىكنىڭ ئايالى ئىكەن، چى فامىلىلىك ئايالىنىڭ ئۆيىدىكى ماشىنىغا ساختا نومۇر تاختىسى ئېسىپ ھەيدىگەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟

ساقچى چى فامىلىلىكتىن: «بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى ۋاڭ فامىلىلىك بىرەيلەنكەن، ۋاڭ فامىلىلىكنى تونامسىز؟» دەپ سورىغاندا، چى فامىلىلىك: «تونىمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ساقچى دەرھال بۇ ماشىنىنىڭ يېقىنقى يېرىم يىلدىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، چى فامىلىلىكنىڭ بۇ ئاپتوموبىلغا ھەر ئىككى نومۇر تاختىسىنى ئېسىپ كۆپ قېتىم ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغان.

ساقچىلار چى فامىلىلىكنى ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرگەن. ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چى فامىلىلىك بارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئۆزى تاپشۇردىكەن، بۇنىڭدىن باشقا ساختا نومۇر تاختىسى ئاسقانلىقى ئۈچۈن 3000 يۈەن جەرىمانە تۆلەپ، 12 نومۇرى تارتىلىدىكەن.

تۆۋەندە ئۆزىنى بەك «ئەقىللىق» چاغلىغان ماشىنا ئىگىسىدىن يەنە بىرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، سۇجۇ سانائەت باغچا رايونى ۋېيتىڭ قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتى تاسادىپىي بىر ئايال شوپۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا ئۆزى جەرىمانە تالونى چاپلاۋاتقانلىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان.

بۇ ۋەقە 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن، شۇ ۋاقىتتا ساقچىلار دەل خۈيلوڭ كوچىسىغا بىر قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بارغان بولۇپ، بۇ ئايال شوپۇر ماشىنىسىنى ساقچىلار ماشىنىسىنىڭ ئالدىغىلا توختاتقان، نەتىجىدە بۇ ئايال ساقچىلار ماشىنىسىدىكى ماشىنا يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئەسۋابىغا چۈشۈپ قالغان.

ساقچى بۇ ماشىنىغا جەرىمانە تالونى چاپلىماقچى بولۇپ ماشىنا يېنىغا بارغاندا ماشىنىدا جەرىمانە تالونى بارلىقى كۆرۈپ ھەيران قالغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ماشىنا ئىگىسىگە تەربىيە قىلىپ ۋە ئايال شوپۇرغا جەرىمانە قويغان.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققان ئىكەن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى ماشىنىسىغا ساختا جەرىمانە تالونى چاپلاپ قويىدىكەن. لېكىن ھەر بىر تەۋە رايوننىڭ مۇقىم قاتناش چارلىغۇچىلىرى بار بولۇپ، توختىغان ئاپتوموبىللار خاتىرىلىنىپ ماڭىدىكەن ھەمدە شۇ كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىنىڭ تامغىسى بېسىلىدىكەن، شۇڭا بىر قاراپلا جەرىمانە تالونىنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئەگەر ساختا جەرىمانە تالونى چاپلىۋالسا جەرىمانە تاپشۇرۇپلا بۇ ئىشتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، بەلكىم توختىتىپ قويۇپ جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چەكسىز ئۇپۇق3 كۈن ئىلگىرى

    ناھايىتى توغرا جاۋاپ بىرىپسە ئاپىرىن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号