باش بەت

زىيارەت

2289يوللانما
27مەستانە

ئىتالىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانما: رىم 0:0 لازىئو

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 16:10 8 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 2:45دە، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە رىم ئولىمپىك توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، لازىئو كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رىم كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان «رىم دېربىيسى»نى ئوينىدى، مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرى بىلەن قاتتىق تىركەشتى، خەتەرلىك ھۇجۇملار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەيدان نەتىجىسى ئۆزگەرمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، رىم كوماندىسى ئاز-تولا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، زېكونىڭ قايتىلاپ قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا لازىئو كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رىم كوماندىسى بىلەن 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى رىم كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندىكى رىم كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى لازىئو كوماندىسىغا خەتەر كەلتۈرگەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى، لازىئو كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، يەنىلا مەيدان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندىكى رىم كوماندىسى ھۇجۇم سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، توختىماي ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسىز بولدى، زېكونىڭ قايتا-قايتىلاپ قاپقىغا تەپكەن توپلىرى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى ياكى قاپقىچى توسۇۋالدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىر ئادىمى مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىلغان لازىئو كوماندىسى، مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم شەكلى بىلەن رىم كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇردى.

بۇنداق «دېربىي» مۇسابىقىلىرىدە، ئېغىر دەرىجىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، سۈركىلىش ۋە قىزىل كارتىلارنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ، مۇشۇنداق تالاش-تارتىش ھەم كەسكىنلىككە تولغان بۇ مەيدان مۇسابىقە رېپىرنىڭ پۈشتىكى چېلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن رىم كوماندىسى مېھمان مەيداندا لازىئو كوماندىسى بىلەن 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن رىم كوماندىسى ئۇدا ئۈچ ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلالمىدى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • TAYGER2 كۈن ئىلگىرى

    مادرىتقا ئۇخشاشما

  • 尤文图斯3 كۈن ئىلگىرى

    ئالدىرماي تۇرۇڭ رىم خېلى مەندىگەن لەنى يىغلاتى غىدغىڭىزمۇ تۇختاپ قالدۇ ئۇزۇن غا قالماي

  • ئاكاڭ قارىغاي3 كۈن ئىلگىرى

    تاسادىپىي بارسېلونانى ئۇتقان بىلەن بۇدا لىۋىرپول دىن ھەلقىلغۇچتا تويغىچە يەيدىغان بولدىدە

  • sarang bora3 كۈن ئىلگىرى

    رىممۇ بىرلەشمىگە كۈچىمەيدۇ، چۈنكى يوۋىنتۇسقا يىتىشەلمەيدۇ، مادرىتقا ئوخشاش

  • 133******653 كۈن ئىلگىرى

    باسا بىلەن تەڭلەشسىچۇ ئۆلگۈرلە ، مىسسى بىلەن رونالدۇ نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆگۈم باتتى

  • جەنۇپ يۇلتۇزى ⚽3 كۈن ئىلگىرى

    نور تورىغا يولىغان فىلىمنى كۈدۈڭلامۇ بارسىلونا مەستانلىرى راستىنلا بايرىن مەستانىسى بوپ كىتىپتۇ

  • ھەي ئىسىت3 كۈن ئىلگىرى

    تەڭلىشىپلا يۇرىدىدۇ دىسە بۇ ئىتالىيىكلە

  • TAYGER3 كۈن ئىلگىرى

    ھەي رىم مۇشۇ ھالىڭىز بىلەن قانداقمۇ ئۇزغۇنلۇقنىڭ چىمپيۇنلىقغا ئىرىشەسىز، ۋىيىي غىدىقمنى كەلتۈرۈپ 。

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号