باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بولغان دوستىڭىز تۇيۇقسىز ئىزدىگەندە...

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 22:00 12 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقى «سالام خەت»لەرنىڭ ئورنىغا ئۈندىدار، چ چ ۋە مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى ئالمىشىپ، ھەتتا جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇپمۇ، بۇ چېتىدىكى ئادەملەر بىلەن گەپلىشەلەيدىغان، يەنە تېخى دىدارىنى كۆرەلەيدىغانمۇ بولدۇق. بىراق ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغانغا ئوخشاش، بۇ خىل ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭمۇ بەزىبىر «قىلىقلىرى» چىققىلى تۇردى. مەسىلەن، تەييارلىق سىنىپتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىمىز بىلەن بىز پەقەتلا پارتىداش ئىدۇق، كېيىن، باشقا-باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، مانا ئەمدى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغۇدەك ھالغا يەتكەندە، تۇيۇقسىزلا ئۈندىداردا ساۋاقداشلار توپى قۇرۇلۇپ، ئەسلىدىنلا باردى-كەلدى قىلمايدىغان بىزلەر بىرەر كۈن پاراڭلاشمىساق، تۇرالمايدىغان «قەدىناسلار»غا ئايلاندۇق.

شۇنداق قىلىپ، كۈنلەپ-كۈنلەپ سايرىمايدىغان ئۈندىدارلار تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار بىلەن سايراپ قويىدىغان بولدى. 

1. ئاداش،  بۈگۈندىن باشلاپ تور سودىسىنى باشلىغانىدىم... خاپا بولماي، ماۋۇ ئىككىلىك كودنى چەمبىرىكىڭگە چىقىرىپ، تەشۋىق قىلىپ قويامسەن؟ مېنى قوللاپ قوي، ساڭا نەرسىلىرىمنى ئەرزان بېرىمەن.

2. ئاداش، بولسا ماڭا جىددىي 5000 سوم بېرىپ تۇرالالامسەن، ئۆزەڭمۇ بىلىسەن، ئەگەر مەن باشقا ئامال قىلالىغان بولسام، سەندىنمۇ سوراپ يۈرمەستىم، ئۈچ كۈنگىچە چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن.

3. ئۈندىدارىمدىكى بارلىق دوستلارنىڭ چوكانتال بايرىمىغا مۇبارەك، ھەممىڭلارغا شاد-خوراملىق يار بولغاي! ئەسكەرتىش: توپ ئۇچۇرى. (بەزىدە تېخى ئەسكەرتىشلەرمۇ يوق)

4. ھى، ھى، ھى ئاداش... ئەتە كەچ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزەتتىم، كېلىپ ئولتۇرۇپ كەت.

5. جېنىم دوستۇم، كېلەر ھەپتە تويۇم بولىدۇ، باغىقىڭىزنى يېزىپ قويغان، بىراق شۇ ئەۋەتەي دەپ ئۈلگۈرەلمىدىم. شۇڭا ئۈندىداردىلا گەپ قىلىشىم. تويۇمغا چوقۇم كېلىڭ جۇمۇ، مەنمۇ سىز توي قىلسىڭىز بارىمەن...

6. ئەزىز دوستلار خاپا بولماي دوستلار چەمبىرىكىمگە چىقارغان بىرىنچى مەزمۇنغا يۈرەك بېرىپ قويغان بولسىڭىزلەر، سىزلەر يۈرەك سورىغاندا مەنمۇ ئايىماي بەرگەن، ئەمدى نۆۋەت سىزلەرگە كەلدى... رەھمەت!

7. كىمدە تېڭشۈن، يوۋكۇ، ئەيچىي .... فىلىم قويغۇچ بېكەتلىرىنىڭ ئەزالىق نومۇرى بار؟ ماڭا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان بولساڭلار!

8. ئاداش، ئاڭلىسام، تەرجىمانكەنسەن، خاپا بولماي ماڭا ماۋۇ مەزمۇننى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولساڭ...

9. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى. ماڭىمۇ باھا كېسىشىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن... ناھايىتى كەتسە 0.1 مېگابايىت ئېقىم مىقدارى كېتەر، شۇنى ئېچىپ بېسىپ قويساڭلارلا بولدى، باشقا ئاۋارە بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس...

تېخىمۇ كۆپ، سەرخىل مەزمۇنلار نۇر تورى تاماشا سالونىدا...

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەفسۇس2 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ قىزىل بولاقتىن شۇنداق زېرىكتىم 10كوي بېرىپ تۇرۇڭ دىگەن ھە دەپ بەسەم يا قايتۇرمىغان يا 10كويۇمنى بېرىڭ دەپ سورۇغىلى بولمىغان……

  • kusanbag3 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئاي ئايلاپ گەپ قىمايمەن، بۇ خىلدىكى توپتا، پەقەت پارىڭىنى ئاڭلاپ بوپ ئۈچۈرۋېتىمەن

  • ئاتەش ماكان3 كۈن ئىلگىرى

    تۆۋەندىكى ئىككى ئىنكاسقا كۈلۈپ كىتىپتىمەن،
    بىزنىڭ ساۋاقداشلار توپىدا ئەڭ بىزار بولغان ئىشىم، يىگەن داپەنجى بىلەن خوگو، بالىسىنىڭ رەسمى، ماشىنىسىنىڭ رەسمى، ساياھىتى ئىشقىلىپ يىگەن ئىچكەن، سىيغان چىچقاننىڭ ھەممىنى ۋېدىيو قىلىپ يوللاپ تۇرغان، تولاراق كۆز كۆز قىلىش، ھەتتا بەزىلەر ئېرى بىلەن خوتۇنىنى كۆز كۆز قىلىپ كىتىدۇ، بولدىلا دىسەم قايناپ قالىمەن

  • karqayan3 كۈن ئىلگىرى

    ھا ھا ھا بەرسەم كاما قىلدى ، بەرمىسەم، تاماقىل دېگەن شۇدە.(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىلىگەن)

  • T@NHA3 كۈن ئىلگىرى

    ھېھېھې مەندە ھېچقايسى يوقكەن ئىنتايىن تىنىچ

  • دوسلۇق كۆچمە خەۋەرلىشىشى3 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ بەزى 9يىل بىللە ئۇقۇغان باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇقسىزغىچە بىر سىنىپتا ئۇقۇغان ساۋاقداشلىرىم ئۇچراپ قالىدۇ، ئۇچرىشىپ قالساق شۇ نىم كەسىپ بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىمىز، توي قىلغان قىلمىغان، بالىلىق بولغان بولمىغان، ئۇيىنىڭ ئورنى قاتارىلىقلارنى تۇلىراق دىيىشىپ قالىمەن،
    ئاندىن تىلفۇن نۇمۇرىنى بىسىۋىلىپ خوش ئىزدىشىپ تۇرايلى دەپ خوشلىشىمىز ياكى بىرەر يەردە تاماق يىيىشىمىز،،

  • تاتلېقجان (مېسكېن)3 كۈن ئىلگىرى

    خوڭباۋ بەلەن نەسە لېكېنزە قېلېن ئادەملە يامان ئامراق

  • بارسېلونالىق3 كۈن ئىلگىرى

    ئىتتىن زىرىككەندەك زىرىكتىم مۇشۇ توپ ئۇچۇرى قىلىپ قىزىل بولاق سورايدىغانلاردىن

  • max4443 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا ئۇچرايدىغنى 砍价،،،،،،

  • @..y ..g3 كۈن ئىلگىرى

    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم 红包بولسا بېرىپ تۇرۇڭ دىگەنتى ھە دەپ بەردىم بۈگۈن ئەھۋال سوراپ گەپ قىلسام مىنى يۇۋىتىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号