باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

گۈزەل سوڭ خيېكيونىڭ تويدىن كېيىنكى ئوبراز ۋەكىلى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 17:10 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سوڭ خيېكيونىڭ ئەڭ يېڭى ئوبراز ۋەكىلى سۈرىتىمۇ ئاۋۋالىقدەكلا گۈزەل بولۇپ، نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى ئېلان سۈرىتىدىن قىلچىلىك پەرقلەنمەيتتى. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان بۇ چولپان ئەڭ ئاۋۋال «رومانتىك داچا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن بۇرۇنقىمۇ «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»، «مېمھانسارايغا مۇھەببەت» ناملىق ئەسەرلەردىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىمۇ سەل چاغلىغلى بولمايدۇ. 

بۇ ئېلان سۈرىتىدىكى سوڭ خيېكيو قولىدا كۆتۈرۋالغان قۇتىنى ناھايىتى تەبئىيلا مۈرىسىگە قىيساتقان بولۇپ، خۇددى مۇلايىم ئاققۇدەكلا لاتاپەتلىك كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى.

سوڭ خيېكيونىڭ مەيلى ئوبراز ۋەكىلى سۈرىتى بولسۇن مەيلى تۇرمۇش سۈرىتى بولسۇن، مەيلى گىرىم قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن ۋە ياكى سوڭ جوڭكى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بولسۇن، دەسلەپكى ھالىتىدە قىلچىلىك ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇنىڭ مەيلى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»تىكى كىشى يۈرىكىنى ئېزىدىغان، ئاددىي-ساددا پياۋ ئىنشى بولسۇن ياكى «رومانتىك داچا»دىكى ئوماق خەن جىئېن بولسۇن، چىرايى باشتىن-ئاخىرى ئۆزگىرىپ باقمىدى. ھەتتا يولدىشى سوڭ جوڭكى بىلەن ئىشلىگەن «قۇياش ئەۋلادى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ياش پەرقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

بۇ ئۇنىڭ توي قىلغاندا چۈشكەن سۈرىتى، ئۇچىسىغا تويلۇق كۆينەكنى كىيىپ، سۆيگەن يارىنىڭ يېنىدا تۇرغان سوڭ خيېكيونىڭ چېھىرىدىن تەبەسسۇم كەتمىگەن بولۇپ،  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇھەببەتكە ياتلىق بولغان ئايال.

سوڭ خيېكيونىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان سۈرەتلىرىنى قانچە كۆرسەكمۇ زېرىكمەيمىز شۇنداقمۇ؟ 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 为了祖国!3 كۈن ئىلگىرى

    很漂亮 啊

  • قوش سوڭ3 كۈن ئىلگىرى

    مەن بۇلارغا بەك ئامىراق

  • 风景3 كۈن ئىلگىرى

    ياش چوڭايغانسېرى ئاياللارنىڭ چىرايى بەك ئۆزگەرمىسىمۇ يۈز شەكلى بۇرۇنقىدىن سەل ئىشىپ قالىدىكەن،ياكى سىمىزلىكمۇ، ياكى يۈز شەكلىنىڭ ياش چوڭايغانسېرى تەرەققى قىلىشىمۇ ئىشقىلىپ،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号