باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

باشقىلارنىڭ 200 كىلوگىرام خېتىنى ئۆيىدە باستۇرۇۋالغان پوچتالىيون قولغا ئېلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 17:09 1 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىتالىيەنىڭ مىلان ئۆلكىسىدىكى بىر خۇسۇسىي پوچتا شىركىتىنىڭ پوچتالىيونى باشقىلارنىڭ خېتىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، قولغا ئېلىنغان پوچتالىيون بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن ئىتالىيەلىك ئەر بولۇپ، قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم ئائىلىدە جازا ئۆتەشكە بۇيرۇلغان، كېچىدە سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن. ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ جازا ئىجرا قىلىش جەريانىدا كۈندۈزى بىر خۇسۇسىي پوچتا شىركىتىدە ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلغانىدى.

بۇ ئەر ئۇزۇن مۇددەت كېچىدە سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنلىكتىن زېرىكىپ كەتكەن ھەم يېقىندا، تەلىيىنى سىناپ كېچىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چارلاش ساقچىلىرى بايقاپ قېلىپ تۇرالغۇسىغا قايتۇرۇپ كەلگەن، ئارقىدىن، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەن.

نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ ئەرنى تۈرمىگە سولاپ تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە تاپشۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ساقچىلار خەت-چەكنى باستۇرۇۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك دېلودىن ئۈچنى پاش قىلغان. بۇ يىل 1-ئايدا 56 ياشلىق پوچتالىيوندىن بىرى سەككىز يىللىق خىزمىتى جەريانىدا 573 كىلوگىرام خەتنى باستۇرۇۋالغانلىقىنى سەۋەبلىك ئەرز قىلىنغان؛ 4-ئايدا ئىتالىيەلىك بىر پوچتالىيون مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، ئۈچ ئايغىچە ھېچقانداق خەت توشۇماي 400 كىلوگىرام خەتنى ئۆيىگە بېسىۋالغان ۋە كېيىن قولغا ئېلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چەكسىز ئۇپۇق3 كۈن ئىلگىرى

    بىرسگە خالتا قىپ بىرەي دىگەنمىدىڭ كالۋا،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号