باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

895يوللانما
16مەستانە

شىركەتنىڭ بەش مىليون پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئەر «تۇمۇچۇق»لىرىغا خەجلەپ تۈگىتىۋەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 20:20 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بۇلتۇر دېكابىردا شيامېندىكى بىر ئۆي مۈلۈك ۋاستىچى شىركىتى ساقچى تەرەپكە دېلو مەلۇم قىلىپ، شىركەتتىكى دۇكان باشلىقى شيۇڭxx نىڭ غەلىتىلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، شىركەتنىڭ بەش مىليون يۈەننى پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇلتۇر نويابىردا شەھەر ئاھالىسى خاۋxx شىركەتتىكى شيۇڭxx نىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىككى يۈرۈش ئۆينى تاللاپ ئۆي سېتىۋېلىش مۇددىئانامە خىراجىتى ئۈچۈن بىر قېتىمدا بىر مىليون يۈەن، يەنە بىر قېتىمدا تۆت مىليون يۈەن تۆلەپ، تۆت مىليون 500 مىڭ يۈەننى شىركەتنىڭ ھېسابىغا، 500 مىڭ يۈەننى شيۇڭxx نىڭ ھېسابىغا ئۆرۈپ بەرگەن. شيۇڭxx مۇ شىركەتكە خاۋxx نىڭ ئۆي سېتىۋېلىش مۇددىئانامە كېلىشىمىنى تاپشۇرۇپ ئەنگە ئالدۇرغان.

بىرقانچە كۈندىن كېيىن خاۋxx ئۆي سېتىۋېلىش ئويىدىن يېنىۋالغان، شىركەتمۇ ئامالسىز ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. مەشغۇلات ۋاقتىدا ئۆي سېتىۋېلىش پۇلى شيۇڭxx تاپشۇرغان ئۆي سېتىۋېلىش مۇددىئانامە توختىمىدىكى خېرىدارنىڭ ھېساباتىغا قايتۇرۇلغان، ئارقىدىنلا شيۇڭxx تويۇقسىز غايىب بولغان.

شيۇڭxx نىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى جياڭشىلىق خاۋxx، بەش مىليون يۈەن تېزلا قۇرۇقداپ قويۇلغان، 50 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ قاۋاقخانىدا ھاراق ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلى بىر مىليون 130 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يەنە كېلىپ خاۋxx بىرقانچە قىز بىلەن ئارىلىشىپ، ھەر قېتىم سودا ساراي ئارىلىغاندا 200~300 مىڭ يۈەن خەجلەپ قىممەت باھالىق سومكا سېتىۋېلىپ قارشى تەرەپكە سوۋغا قىلغان.

چەكتىن ئەڭ ئاشقىنى شۇكى، ئۇ يەنە بىر مىليون 70 مىڭ يۈەنگە بىر ماسېراتى ماركىلىق ماشىنا سېتىۋېلىپ ئىچىدىكى بىر قىزغا سوۋغا قىلغان، ۋاھالەنكى ئىككىسىنىڭ تونۇشۇپ ماشىنا سوۋغا قىلىشىغىچە بولغان ۋاقىتقا پەقەت يېرىم ئاي بولغان. نۆۋەتتە خاۋxx ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى، ماسېراتى ماركىلىق ماشىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك پۇل، ماللارنىمۇ ساقچىلار قايتۇرۇپ كەلدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

مىننەتسىز ئېرىشكەن بايلىق خۇددى سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا تېزلا ئېرىشكىنىڭىز بىلەن يەنە ناھايىتى تېزلا قولدىن چىقىپ كېتىدۇ. شىركەتلەر خادىم تاللىغاندا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشى، سودا قىلغاندىكى بىخەتەرلىك تەرتىپلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاكاڭ يامان2 كۈن ئىلگىرى

    ساراڭ گۇيكىنا ئاۋۇ

  • كىرىستىن2 كۈن ئىلگىرى

    قىززىيدىكەن ماۋۇ

  • ALIM_Nur3 كۈن ئىلگىرى

    بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەي دەپتۇدە ...، بوپتۇ ، چۈشكۈنلەشكەن ئوغاۋالا

  • قەدمكى ئۇچ3 كۈن ئىلگىرى

    پۇلنى ما خەژلسە بۇلدكە مانا

  • توغراق،شاھى3 كۈن ئىلگىرى

    قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم ماجان بۇۋى بوپتو دە بىچچارە دەلتە . شىركەتنىڭ پولىدا بىر ئەمەس بىر قانچە قىز باللىنى ئوينىتىپ كەتكىننى كۇرەي

  • akbar3733 كۈن ئىلگىرى

    ماشىنىنى سوغاتلىق تاپشۇرۇپ ئالغان قىزبالا ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپ بولغىچە يەنە قۇرۇق قاپتۇ دە بايقۇش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号