باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

«سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت»تىكى قوشۇمچە پېرسوناژلار نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 18:20 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2001-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا تا ھازىرغىچە 18 يىل بولدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ۋەقەلىكى بەلكىم كۆپىنچە نۇرداشلارغا ياد بولۇپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇ ۋاقىتلاردا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن شۆ ھاممانىڭ كىلاسسىك سەھنە سۆزى: «بو ۋېنپېي، ئىشىكنى ئاچ»، ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كېيۈننىڭ روھىي كېسىلى قوزغىلىپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەندىكى تۇرقىمۇ تور دۇنياسىدا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

«سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ»نىڭ ئەسلىدىكى باش پېرسوناژلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن. ئەينى يىللىرى تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بۇنىڭ يېڭىلىىشنى كۈتىدىغان، يەنە تېخى بوينىمىزغا لۆڭگىنى ئارتىۋېلىشنىمۇ ئۇنۇتمايدىغان شۇ ۋاقىتلار تولىمۇ گۈزەل ئىدى. بىز بۇنى كۆرگەندە، يىپىڭنىڭ شور پىشانىلىكىگە ئىچ ئاغرىتساق، خې شۇخۇەننىڭ بىردەم يىپىڭغا، بىردەم رۇپىڭغا «چاچىراپ» يۈرىدىغانلىقىمۇ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرەتتى. قىسقىسى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت كىشىنى سۆيۈندۈرمەي قالمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنى تەسىرلەندۈرگەن ئارتىسلاردا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. قېنى بىز بۇنىڭدىكى قوشۇمچە پېرسوناژلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

يىپىڭنىڭ ئاپىسى بو ۋېنپېينىڭ رولىنى ئالغان شۈ شىڭ:

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كەمسۆز، مۇلايىم، قاراشتىنلا ياخشى ئاياللىقى چىقىپ تۇرىدىغان بو ۋېنپېينىڭ رولىنى ئالغان بۇ ئارتىس 1956-يىلى تۇغۇلۇپ، شاڭخەي تىياتىر ئىنىستتۇتىنى پۈتتۈرگەن. «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت»تىن كېيىن، ئۇ يەنە «دۇلالانىڭ ئۆسۈش خاتىرىسى» (杜拉拉升职记)، «بولكا دەرىخىدىكى ئايال» (面包树上的女人)، «شاڭخەيلىكلەر بىر ئائىلە كىشلىرى» (上海一家人) قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالدى. ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىستۇر.

كېيۈننىڭ رولىنى ئالغان شۈ لۇ: 

«سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت»تىن كېيىن، ئۇ  يەنە «ۋۇ توڭيۈ» (梧桐雨)، «خاربېندىكى ئىشلار» (哈尔滨往事)، «سۆلەتۋاز جەمەت» (金粉世家) قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئالدى. كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق رېژىسسور جياڭ كەيياڭغا ياتلىق بولۇپ، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ھازىر تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىندى. زەردار ئائىلىگە ياتلىق بولغان ئۇ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يولدىشىنىڭ خىزمىتىگە ھەمدەمدە بولىدىغان ئائىلە ئايالىغا ئايلاندى.

مېڭپىڭنىڭ رولىنى ئالغان يۆ جياتوڭ:

2005-يىلى كانادالىق باي سودىگەر جۇ رۇيگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى ئوغۇلنىڭ ئاپىسى بولدى. تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنگىلى شۇنچە ئۇزۇن يىل بولغان ئۇنىڭ يۈز تېرىسى ھېلھەممۇ ياش قىزلارنىڭكىدەكلا بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نەقەدەر بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.

يىپىڭنىڭ يېقىن دوستى فاڭ يۈنىڭ رولىنى ئالغان لى يۈ:

1976-يىلى تۇغۇلغان. 25 يېشىدا، «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن داڭق قازىنىپ، كېيىن يەنە «ئاخىرقى خانىش» (末代皇妃) قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. بىراق، 2009-يىلى لىمفا راكىغا گىرىپتار بولۇپ، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىدا 33 يېشىدا قازا قىلدى.

لى كانۋاينىڭ رولىنى ئالغان ساۋ چيۇگېن:

ئۇ 1953-يىلى تۇغۇلۇپ، شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۆزى يۇۋاش، رايىش، ھەم بىر پۈتۈن ئۆمرى جاپادا ئۆتكەن لى كانۋاي ئوبرازىنى ھەق-دادىغا يەتكۈزىۋەتكەن بۇ ئارتىس 2011-يىلى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى كېسىلى بىلەن 58 يېشىدا قازا قىلدى.

«چىن بېگىم»مۇ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.

تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار نۇر تورى تاماشا سالونىدا...

باش سۈرەت تاللاش x
  • 孜拉拉2 كۈن ئىلگىرى

    بۇ كىنۇنى ئۇيغۇرچە قانالدا بەمەيدكەن دىسە

  • خاتىمە3 كۈن ئىلگىرى

    فاڭيۈگە بەك ئىچىندىم تېخى ياش ئىدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号