باش بەت

قەدرۇس65

1494يوللانما
23مەستانە

بۇ پىسخىكىلىق ھادىسىلەر سىزدىمۇ مەۋجۇتمۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 21:25 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلار بىزنىڭ ئەسلىدىكى قارىشىمىزغا ياكى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدىغان بىر قىسىم تۇرمۇش ھادىسىلىرى بولىدۇ، تۆۋەندە مانا مۇشۇنداق ئومۇمىي ساۋاتقا خىلاپ بولغان بىر قىسىم پىسخىكا ھادىسىلىرى توغرىلىق توختىلىمىز:

قورقۇش توخۇ يۈرەكلىك بولمايدۇ، ئاچچىقلىنىشنىمۇ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئەقلى يوق دېيىشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىنتايىن نورمال پىسخىكا ھادىسىسى، ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە سەلبىي ئەمەس، لېكىن ئاقىۋىتى ياخشى ئاخىرلاشمىغاچقا كىشىلەرگە شۇنداق تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى كەيپىياتتا ئەمەس، بەلكى شۇ ئادەمنىڭ بۇ كەيپىياتنى ياخشى باشقۇرالمىغانلىقىدا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قورققان ۋاقتىڭىزدا بۇ خىل پىسخىكىلىق كەيپىياتنى يوقىتىمەن دەپ كاللىڭىزغا كىرگۈزۈۋالغىنىڭىزدىن، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزگە كۈچ بەرگىنىڭىز ياخشى، ئوخشاشلا، داۋاملىق ئاچچىقىنى بېسىپ تۇرۇۋالغاندىن ئۇنى توغرا يولغا ئىشلىتىش، كەلگۈسى نىشانى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ يەردە دېگىنىمىز نورمال ھالەتتىكى قورقۇش، ئەگەر قورقۇش كېسىلى بار كىشىلەر بولسا يەنىلا قورقۇنچنى يوقىتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك.

كىشىلەر ئادەتتە كۆڭلىدە قالغان غەزەپنى چىقىرىۋەتكەن ياخشى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاسان ئاچچىقلىنىش روھىي ساغلاملىققا ئىنتايىن زىيانلىق. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، كۆڭلىڭىزدە ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەن ئادەمنى ئويلاپ قۇم خالتىغا مۇشتلىسىڭىز ئاچچىقىڭىز چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن غەزىپىڭىز تېخىمۇ تاشىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئاچچىقىنى ئىپادىلەش ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە، ئاچچىقىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ياخشى ئىش. لېكىن ئاچچىقنى ئىچىگە باستۇرۇپ قويغاندىن سىرتقا چىقىرىۋېتىش كېرەك دېگەن كونا گەپنىمۇ توغرا دەپكەتكىلى بولمايدۇ، توغرا ئۇسۇل بولمىسا ئەكسىنچە ئۈنۈم بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.

ئاز ساندىكىلەر كۆپ ساندىكىلەرگە بويسۇنۇش. بۇنى ئەڭ توغرا ئۇسۇل دېيىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر شىركەتتىكى قولىدا تەڭ نىسبەتتە پايچېكى بولغان بەش چوڭ پايچېكى بىرەر ئەندىزىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چوقۇم بەشەيلەن ھەممىسىنىڭ قوشۇلۇشى لازىملىقى، ئارىسىدىن بىرى قارشى تۇرسىلا بىكار بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، ئاڭلىماققا غەلىتىدەك تۇيۇلغىنى بىلەن بۇ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش. چۈنكى ئارىسىدىن بىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپمۇ بۇ پىلان داۋاملىق يۈرگۈزۈلسە، ئۇ چوقۇم بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىن، ھەتتا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە بۇ پىلاننىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ پىلانمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.

شۇڭا، بەزىدە بۇ ئاز ساندىكىلەر كۆپ ساندىكىلەرگە بويسۇنۇش دېموكراتىك تۇيغۇ بەرسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلەپ ئويلاپ باقساق، ئەشۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭغا قايىل بولماي، ماقۇللانغان پىلان ياكى ئەندىزىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

لېفىتقا ئولتۇرۇش. ئەمەلىيەتتە بىز لېفىتقا ئولتۇرۇشنى ياقتۇرمايمىز، لېفىتقا چىققاندا بىر بولسا قەۋەت سانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ تۇرىمىز، بىر بولسا ئۇياق-بۇياققا قاراپ بىر توپ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرغان مۇھىتقا ماسلىشىشقا تىرىشىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر كىشىلەرنىڭ قەۋەت سانىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشىنى ئۆزىنىڭ قەۋەت سانىغا قاچان يېتىپ بارىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش دەپ قارايدۇ، لېكىن پىسخىكا پەلسەپەسىدە بۇنى كىشىلەرنىڭ «شەخسىي بوشلۇقى» تاجاۋۇزغا ئۇچرىغىنىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. كىشىنىڭ «شەخسىي بوشلۇقى» ئادەملەرگە قارىتا بولىدۇ، بەزى كىشىلەر سىزگە يېقىنلاشقاندا بىر خىل بىئاراملىق ھېس قىلىسىز، ئۇلار بىلەن بەدىنىمىزنىڭ تېگىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىمىز، كۆزىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشىنىمۇ خالىمايمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئازادە ھېس قىلالمايمىز، بۇنىڭ ئۆزى سىزنىڭ «شەخسىي بوشلۇقىڭىز»نىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغىنىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا دىققىتىڭىزنى باشقا ياقلارغا بۇراپ پاتىراق بۇ مۇھىتتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 كۈن ئىلگىرى

    لېفىتقا چىققاندا باشقىلار بولسا بەك بىئارام بولىمەن ،دىققىتىمنى باشقا ياققا بۇرايمەن نەچۋە يىل بولغان بولسىمۇ يەنىلا ماسلىشالمايۋاتىمەن…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号