باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

جاۋ ۋېي نېمە ئۈچۈن 13 يىل كۈتكەن خۇاڭ شياۋمىڭغا ياتلىق بولمايدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:04 15 ئىنكاس چۈشتى

جاۋ ۋېي تەقى-تۇرقىنىڭ گۈزەللىكى، بىر جۈپ بۇلاقتەك كۆزىنىڭ ئويناپ تۇرىدىغانلىقى بىلەن «مەلىكە خۇەنجۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا شياۋيەنزىنىڭ رولىنى ھەق-دادىغا يەتكۈزۈۋەتكەن. ھازىر «شياۋيەنزى» دېسە، تونۇمايدىغانلار يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىمۇ تالانتلىق ۋە مۇنەۋۋەر بولغاچقا، قوغلىشىدىغانلارمۇ تەبئىيلا كۆپ.

شۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جاۋ ۋېيمۇ ئۆز بەختىنى تاپتى. 2009-يىلى ئۇ يولدىشى خۇاڭ يوۋلۇڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇپ، تۇرمۇشىنى شادلىققا تولدۇردى. بەلكىم، بۇمۇ خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ بىردىنبىر قايىل بولىدىغان بىر تەرىپى بولسا كېرەك.

جاۋ ۋېي بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ ساۋاقداشلاردىن، بىراق خۇاڭ شياۋمىڭ ئىلگىرى جاۋ ۋېينىڭ ئەگەشكۈچىسىگە ئوخشاش، ئىزچىل ئۈن-تىنسىز جاۋ ۋېيغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، قوغلىشىپ يۈرگەن. بەلكىم جاۋ ۋېيغا ئەڭ ئۇزاق ئاشىق بولغان كىشىدىن پەقەت خۇاڭ شياۋمىڭلا بولسا كېرەك. بىراق، ئەپسۇس، ئۇلار يەنىلا ئاخىرىغىچە ماڭالمىدى. كېيىن جاۋ ۋېي خۇاڭ يوۋلۇڭنى ئۇچرىتىپ، نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

خۇاڭ شياۋمىڭ ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا جاۋ ۋېينى ئۇچراتقاندىلا، تا ھازىرغىچە ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىراق بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جاۋ ۋېي خۇاڭ شياۋمىڭنى پەقەت ئەڭ ياخشى دوستى دەپ قارايدىغان بولۇپ، تاماشا چەمبىرىكىدىكى: «شۇنداق بىر دوستلۇق بار، ئۇ بولسىمۇ خې جيوڭ بىلەن شيې نا» دېگەندەك، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارغا قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە يەنە «شۇنداق بىر ھەمراھ بولۇش ۋە قەدىرلەش بار، ئۇ بولسىمۇ، خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن جاۋ ۋېي» دېگەن سۆزنىڭمۇ بىكارغا تارقالمىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، خۇاڭ شياۋمىڭ جاۋ ۋېيغا ئۈچ قېتىم كۆڭۈل ئىزھار قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، جاۋ ۋېي باشتىن-ئاخىرى ئۇنىڭغا بىرەر قېتىممۇ پۇرسەت بەرمىگەن. خۇاڭ شياۋمىڭ بىر قېتىملىق زىيارەتتە: «شۇنچە ئۇزۇن يىللار بولدى، پەقەت ئۇ ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن چوقۇم پەيدا بولىمەن! يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن جاۋ ۋېينى يەنىلا قويۇپ بېرەلمىدىم، نېمىلا دېگەنبىلەن، شۇنچە ئۇزۇن يىل بولغان تۇرسا»، دېگەن.

تاكى جاۋ ۋېي خۇاڭ يوۋلۇڭغا ياتلىق بولۇپ، ئۆز بەختىنى تاپقاندىن كېيىن، خۇاڭ شياۋمىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىپ، Angelababyنى ئۇچرىتىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن، نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بەزى تورداشلار Angelababyنى جاۋ ۋېينىڭ ئورنىنى ئالغان، دېيىشىدۇ.

جاۋ ۋېينىڭ يېقىن دوستى لىن شىنرۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ خۇاڭ شياۋمىڭنى ئىزچىل ئىنىسىنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەتتىن پەقەتلا ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، جاۋ ۋېي بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماس كېلىدىغان كىشىنىڭ يەنىلا پىشقان، قابىل ئەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىزچىل ئۈن-تىنسىز 13 يىل جاۋ ۋېينى كۈتكەن خۇاڭ شياۋمىڭنى بىر مەجنۇن، دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە Angelababyنىڭ ئۇنىڭغا ياتلىق بولالىشىمۇ بىر بەخت.

شۇنداق بىر ئەپسۇسلىنارلىق بار، «سىز ئاخىرى خۇاڭ خانىم بولدىڭىز، بىراق يولدىشىڭىز خۇاڭ شياۋمىڭ ئەمەس». بىزمۇ بۇ يەردە جاۋ ۋېي بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ دوستلۇقىنىڭ ئەبەدىي بولۇشىنى، شياۋيەنزىنىڭ ئىزچىل بەختىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رانىيە2 كۈن ئىلگىرى

    jagga ئىنكاسلىرڭىزنى ،،،، دىلغا چۈشتى مۈشكۈلدىكى شۇ ئىبارىلەر ماڭا كىنودىكى ھىس قىلغانلىرىمدىن يەنىمۇ باشقىچەرەك تەسىر قىپكەتتى باشقا گەپلىرڭىزمۇ ئۇرۇنلۇق شۇغۇنىسى شاۋيەنزى ئەمدى كەلمەيدۇ دەپ مۆڭلۈمنى ھەجەپ يېرىم قىپ قويدىڭىز

  • muzart2 كۈن ئىلگىرى

    پۇلى بولغاچقا … دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قۇسقۇم كەلدى،، شاۋيەنزىگە ھازىرقى ئىرى ئەڭ ماس كىلىدۇ، سودا ساھەسىنىڭ قانچىلىك ئاچىچىق قىسمەتكە تولغانلىقىنى قانچىڭلا بىلىسىلە، پەقەت زەبەردەست ئەركەكلا تىك تۇرالايدىغان ساھە بۇ، خۇاڭ يۈلۇڭ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، خۇاڭ شىمىڭنىڭ پۇلى يوقمىكەن

  • jagga3 كۈن ئىلگىرى

    جاۋۋىي خۇاڭشاۋمىڭ غا ياتلىق بولغان بولسا ھازىر قانداق بوپ كىتىشىنى بىزمۇ بىر نىمە دىيەلمەيتۇق ئەلۋەتتە،،،دوستلۇق ئىشەنچلىك ،،،،لىكىن دوستلۇقنىڭ تېگىدە گەپ بولسا ،بۇ يەنىلا كۆڭۈلسىز ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ ،،،،، خۇاڭشاۋمىڭ جاۋۋىيدىن ساددىراق دەپ قارايمەن ئۆزەمچە،جاۋۋىي ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلالايدىغان ،ئارقا تىرەك بولالايدىغان ئەرگە تىگىپتۇ،،،،ئۇنىڭ خاراكتىرىدىكى جاھىللىق ،قاپ يۈرەكلىك ،شاۋيەنزىگە ئوخشىغىنى بىلەن،،،ئىچكى دۇنياسىنىڭ مۇرەككەپ ،سىرلىقلىقى بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇردى،،بىز،ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىنى سېغىنىپ زورمۇزور ياخشى تىلەكلەرنى قالدۇرساقمۇ ،بىزنىڭ قارلىغاچ ئەمدى كەلمەيدۇ ،

  • قايدا سەن3 كۈن ئىلگىرى

    13يىل ساقلىماق ئوڭاي ئەمەس جۇمۇ،،،

  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 كۈن ئىلگىرى

    نۇريۈسۈپ مەن قارىسام شۈجېڭ دەك قىلامدۇ نىمە

  • jagga3 كۈن ئىلگىرى

    ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئايالنى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇرلاش ھوقوقى يوق ،،،،،،بويسۇندۇرۇش بىلەن كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ پەرقى ئىنتايىن زور ،،،،قىز ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدا ساپ دوسلۇقنىڭ بولمىقى ھازىر خېلى قىيىن،،،،،،لىكىن مەن شۇنداق مۇكەممەل ،پاكىز ھىسسىياتقا بۇرۇندىن ئىنتىزار ئىدىم،،،،،

  • 风景3 كۈن ئىلگىرى

    بەلكىم تەغدىر دىگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، جاۋۋېيمۇ خۇاڭ شىياۋمىڭنى خېلى چوڭ بىلىدىكەن بولمىسا، نېمىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئۆزىدىن سورىسا ئۆزىمۇ ئېنىق بىرنىمە دەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن

  • jagga3 كۈن ئىلگىرى

    تەنھا يۈرەكتە،ئالىزېي :مۇھەببەت قايناق ھېسسىيات ،،،،،دوستلۇق تىنىچ بىر ھىسسىيات ،،قىز دوست،ئوغۇل دوست،لايىقى سۆيگىنى، ئىرى ،ئايالى،،،،بۇ مۇناسىۋەتلەر ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ،،،لىكىن چىن دوستلۇق ئەبەدىي بولىدۇ،،،مەن بىر دوستۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشنى پەقەت خالىمايمەن……ئاخىرىدا ،،،سىز مىنىڭ دوستۇم،،،بارلىقىم،،،ھەممە ،ھەممە نەرسەم،بارلىقىم،،،لىكىن مۇھەببىتىم ئەمەس،،،،سىزنى ئالدىيالمايمەن،،،ئۆلسەممۇ شۇنداق،،،،سىزنى سۆيىمەن دىيەلمەيمەن،،،،مۇھەببەت مىنىڭ ئاجىزلىقىم،،دوستلۇق مىنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىم شۇڭا مەن سىزدەك دوستۇمنى دەپ كەتمىدىم،،،،بۇ خىل مۇھەببەت ،قىز ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتىنمۇ ئۇلۇغ،،،مەن ئەڭ چۇڭقۇر مۇھەببىتىمنى سىزگە بېغىشلىدىم،،،،،مەن بەك تەسىرلەنگەن

  • jagga3 كۈن ئىلگىرى

    ئوتتىرسىدىكى ئەر داڭلىق تاقىرباش شۈلاڭ غۇ

  • XAH WA AXH3 كۈن ئىلگىرى

    جاۋۋىيغا ھازىرقى ئىرى ماس كەلمىگەندەكلامغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号