باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

چېۋرولېت equinox/كرۇز Redline ئاپتوموبىلى بۇ يىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىدۇ

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 18:11 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالاقىدار يوللاردىن ئىگىلىنىشچە، چېۋرولېت equinox، كرۇزنىڭ Redline نۇسخىسى بۇ يىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىكەن. چېۋرولېت Redline يۈرۈشلۈكىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە مەخسۇس لايىھە قوللانغان، بۇ ئىككى يېڭى ئاپتوموبىل 25-ئاپرېل ئېچىلىدىغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

بۇ ئىككى خىل ئاپتوموبىل ئومۇمىي لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئادەتتىكى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى بىلەن بىردەك ئوخشاشلىقنى ساقلىغان، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە تاشقى قىياپەت يۈرۈشلۈكىلا پەرقلىنىدۇ. ئاپتوموبىل گەۋدىسىگە قوللانغان ئالاھىدە سىر ۋە مېتال ئاقۇچ كۈلرەڭ ئۇنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. چاق گەردىشى، سالاسۇنى، ماركا LOGO، سىرتقى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ تاشقى قېپى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلار پارقىراق قارا رەڭدە سۇۋاپ بېزەلگەن ۋە قىزىل رەڭلىك قىسقۇچ پەركاسى/ئاپتوموبىل سۆرەش ئىلمىكى قاتارلىقلار ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ سىپورت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، ئىككى ئاپتوموبىل يەنىلا ھازىرقى equinox بىلەن كرۇزنىڭ ھەرىكەت كۈچىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى equinox 2.0Tلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 260 ئات كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا توققۇز خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشتۈرگەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. كرۇز 1.4Tلىق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150 ئات كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتىلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号