باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

فىرانسىيەلىك ئايال 22 يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ پېنسىيە مائاشىنى ئېلىۋەردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:12 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مارسېيللېس ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر 10-ئاپرېل بىر ئايالنى توختىتىپ قويغان. چۈنكى ئۇ پېنسىيە پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا چېتىشلىق بولۇپ، 22 يىلدىن بۇيان ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى يوشۇرۇپ جەمئىي 162 مىڭ ياۋرو (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن بىر مىليون 255 مىڭ 900 يۈەن) پېنسىيە پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانىدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى تەكشۈرەلىگەنلىكىنى، بىراق، ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن خىزمەت، ساغلاملىق ۋە پېنسىيە سۇغۇرتىسى باشقارمىسىدا ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1999-يىلى بۇ ئورۇندىكىلەر ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ پېنسىيە مائاشى ئېلىش ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. بىراق، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى 2015-يىلىغا سۈرۈلۈپ كەتكەن.

2015-يىلى خىزمەت، ساغلاملىق ۋە پېنسىيە سۇغۇرتىسى باشقارمىسى «101 ياشقا كىرگەن بۇ ئانا»دىن گۇمانلىنىپ پېنسىيە مائاشى تارقىتىشنى توختاتقان.

ئارقىدىن، جىنايەت گۇماندارى يېزىنىسىنىڭ 2016-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتىنى ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتىغا ئۆزگەرتكەندە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تارقاتقان ئورۇندىكىلەر بايقاپ قالغان. ھازىر بۇ جىنايەت گۇماندارى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى يوشۇرۇش ۋە ساختا ئىسپات ياساش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号