باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

ئۇچرىغانلا كىشىنىڭ ئىپارخان بولۇشى ناتايىن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:21 7 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قويۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنىڭ ئەسلىمىلىرىمىزگە ھەھراھ بولغان «مەلىكە خۇەنجۇ» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كىلاسسىك ئەسەر بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ. گەرچە ھازىر قارايدىغان بولساق، ۋەقەلىكتىكى بەزىبىر مەزمۇنلار كۈلكىمىزنى كەلتۈرسىمۇ، بىراق بۇ بىر قانچە باش پېرسوناژلارنىڭ قەلبىمىزدىكى ئوبرازىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شياۋيەنزىنىڭ رولىنى ئالغان جاۋ ۋېينىڭ شوخلۇقى، لىن شىنرۇ رول ئالغان زىۋېينىڭ مۇلايىملىقى، جىنسونىڭ رولىنى ئالغان فەن بىڭبىڭنىڭ ئوماقلىقى ھېلىھەممۇ ئېسىمىزدىن چىقمايدۇ. بولۇپمۇ، ئىپارخاننىڭ رولىنى ئالغان ليۇ دەن بۇ ئوبرازنى ھەق-دادىغا يەتكۈزۈۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ياراتقان ئىپارخان ئوبرازى تارىختىكى ئەڭ گۈزەل كىلاسسىك دەپ قارىلىپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم كىنو-تېلېۋىزىيە ژۇرناللىرىنىڭ مۇقاۋىلىرىغا چىققان.

ئۇسسۇلغا ماھىر ليۇ دەن لاتاپەتلىك ۋە جەزبىدار بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر كۆپلىگەن مەجنۇن مەستانىلەرنىڭ «مەڭگۈلۈك ئىپارخانى»غا ئايلاندى. يەنە بىر قىسم كىشىلەر ئەگەر باشقا ئايال ئارتىسلارمۇ ئىپارخاننىڭ كىيىمىنى كىيىسە، ليۇ دەنگە ئوخشاشلا مەپتۇن قىلارلىق بولامدۇ، دېيىشتى؟

ياش ۋاقتىدىكى جاۋ ۋېي ھەقىقەتەنمۇ ساھىبجامالدۇر. بىر جۈپ بۇلاقتەك كۆزى خۇددى سۆزلەۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدىغان زېرەك شياۋيەنزى رولىنى ئۇ ھەق-دادىغا يەتكۈزۈۋەتكەن. جاۋ ۋېي ياراتقان شياۋيەنزى ئوبرازىدىن تا ھازىرغىچە ھېچكىم ھالقىپ كېتەلمىدى. جاۋ ۋېينىڭ ئىپارخان تۇرقىمۇ بىر خىل گۈزەل.

جاۋ ۋېيغا سېلىشتۇرغاندا، شۇ ۋاقىتلاردىكى لىن شىنرۇ تېخىمۇ يېقىملىق، ئىپارخاننىڭ تۇرقىدا ياسانغان ئۇ تېخىمۇ ئوماقلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەنىدى. بۇدۇرۇققىنە يۈزى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بىراق ئۇنىڭغا نىسبەتەن، يەنىلا زىۋېي ئوبرازى ئەڭ گۈزەلدەك تۇرىدۇ.

خېلى كۆپ قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئېلىپ باققان ياڭ مىمۇ ئىلگىرى مەلۇم پىروگىراممىدا ئىپارخاننىڭ تۇرقىنى دوراپ باققان. ھەرقانداق ئۇسلۇبنى ئۇستىلىق بىلەن كونترول قىلالايدىغان ياڭ مىغا بۇ كىيىممۇ ئوبدانلا يارىشىپ قويغاندەك قىلىدۇ.

جياڭ چىنچىنمۇ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قەلبىدىكى قەدىمكى زامان تېلېۋىزىيە تىياتىرى سەنىمى، ئوخشاشلا چيوڭ ياۋ ئەسەرلىرى بىلەن بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ئۇنىڭ جاۋ ۋېيغا ئوخشاش بىر جۈپ بۇلاقتەك كۆزى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ جەزبىدارلىقىدىن بىر خىل مۇلايىملىق تۆكۈلۈپ تۇرغاچقىمىكىن، ليۇ دەنگە خېلىلا ئوخشىشىدۇ. جياڭ چىنچىننىڭ ئىپارخان تۇرقىنى كۆرگەن كۆپلىگەن تورداشلار: «ئەجىبا، ليۇ دەن قايتىپ كەلدىمۇ»، دېيىشكەن.

تارىختىكى ئىپارخان ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل، ھازىرقى زاماندىكىلەرنىڭ نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، دىلرابا ياكى گۈلنەزەرنىڭ تەقى-تۇرقى بۇ رول ئوبرازىغا تېخىمۇ چۈشۈشى مۇمكىن. بىراق، خيېلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ليۇ دەن بۇ ئىپارخان رولىنى راستىنلا ۋايىغا يەتكۈزۈۋەتكەنىدى.

ئوخشاشلا ئىپارخان تۇرقىدا ياسانغان جاۋ ۋېي، لىن شىنرۇ، جياڭ چىنچىن قاتارلىق ئايال ئارتىسلارنىڭ چىرايىمۇ ليۇ دەندىن قېلىشمايدۇ. بىراق نېمىشقىكىن، ليۇ دەندىكى خاس جەزبىدارلىق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. بەلكىم، ئۇ ياراتقان ئىپارخان ئوبرازى ئەسلىمىمىزگە سېڭىپ كەتكەن بولسا كېرەك، باشقا بىرسى ياراتقان ئىپارخان ئوبرازىنى قوبۇل قىلىشىمىز تەسكە چۈشىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نازپەرى2 كۈن ئىلگىرى

    ليۇدەن بەك چۈشۈپتىكەن بۇ رولغا، ئەپسۇس يەشلا كىتىپ قالدى-دە

  • xahbanu3 كۈن ئىلگىرى

    ئەينەك ئەپتە بار

  • DIL K@X3 كۈن ئىلگىرى

    يەنىلا لىيۇدەن ئەڭ ياخشىسى

  • سەنسىز❤3 كۈن ئىلگىرى

    مەلىكە خۇەنجۇنىڭ بىرىنجى بۈلىمىنى نەدىن كۆرگىلى بولىدۇ

  • 风景3 كۈن ئىلگىرى

    مەدىنەمۇ يېڭى مەلىكە خۇەنجۇدا ئىپارخان بۇپ چىققانغۇ، مەنچە شۇ ھالىتى بەك چىرايلىق، مەدىنەنىڭ،،

  • رانىيە3 كۈن ئىلگىرى

    ئىپارخانغا ئەڭ يارىشىپتىكەن جاۋۋيمۇ باشقىچە گۈزەللىكنى نامايەن قىلغان چىشى يولۋاستەڭ

  • 都给我滚3 كۈن ئىلگىرى

    لىيۇ دەن ئەڭ ياخشىسى يەنىلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号