باش بەت

قەدرۇس65

1494يوللانما
23مەستانە

بىر قاچىنى ئاز يۇيۇش ئۈچۈن چەتئەللىكلەر يېڭى تۇخۇم قورۇش قاچىسى كەشىپ قىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 18:35 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھورۇنلارنىڭ دۆلەت چەكلىمىسى يوق، تۇخۇم قورۇشنى كىم بىلمەيدۇ، لېكىن بەزىلەر بۇنى ئاۋارىچىلىق دەپ بىلىدۇ.

تۇخۇمنى چاققاندىن كېيىن قاچىغا قويۇپ ئىلەشتۈرىمىز، ئاندىن قازانغا تۆكىمىز، ئارقىدىن بۇ قاچىنى يۇيىمىز، شۇنداققۇ؟

لېكىن داڭلىق ئاشخانا سايمانلىرى ماركىسى Joseph Joseph لايىھەلىگەن بۇ قاچا تۇرمۇشتىن ئىلھام ئېلىپ، بىر قىسىم ھورۇن كىشىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

بۇ قاچىدا يۇقارقى باسقۇچلارنى بىر نۆۋەتتىلا تاماملىيالايسىز، تۇخۇم چېقىش، ئىلەشتۈرۈش، قورۇش مۇشۇ قاچىدىلا تاماملىنىدۇ.

تېخىمۇ ئاسانلاشتى شۇنداقمۇ؟ بەلكىم بەزىلەر تاماقنى مۇشۇ قاچىغىلا ئۇسۇپ يېيىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئارتۇق بىر قاچا يۇيۇشتىنمۇ قۇتۇلىسىز.

بەلكىم بۇ تۇخۇم قورۇش قاچىسى تۇرمۇشىمىزغا قولايلىق بولغان بەزىبىر يېڭىچە ئىلھاملارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号