باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

895يوللانما
16مەستانە

گۈلخۇمار ئەر گۈل ئوغرىلاشقا خۇمار بولۇپ تۇتۇلۇپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:27 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

گۈل بېقىش ھەۋەسكە، گۈل ئوغرىلاش خۇمارغا ئايلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بەش قېتىم مەھەللە، دۇكان سىرتلىرىدىكى گۈللەرنى ئوغرىلاپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ بېقىپ تاماشا قىلدى. يېقىندا پىڭدۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تەيشەن يولى ساقچىخانىسى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى ياڭxx نى تۇتۇپ، بەش قېتىملىق ئوغرىلىق دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئۇ ئوغرىلىغان ھەر خىلدىكى 14 تەشتەك گۈلنى قايتۇرۇپ كەلدى.

2-ئاپرېل تەيشەن يولى ساقچىخانىسى تەۋەلىك رايون شىجۇاڭ مەھەلىسىدىكى لى خانىمنىڭ، ئۆز ئۆيىدە بېقىۋاتقان زەرنەپ گۈلىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالدى. لى خانىمنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى تەشتەك زەرنەپ گۈلىنى بېقىۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپقا سالماقچى بولغاندا ئويلىمىغان يەردىن يوقاپ كەتكەن. ساقچىلار بۇ دېلو بىلەن تەۋەلىك رايوندىكى باقشا بىرقانچە قېتىملىق گۈل ئوغرىلاش دېلوسىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ مىقداردا كۆزەتكۈدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ياندۇرۇپ كۆرۈپ، بۇ بىرقانچە قېتىملىق دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بىر ئاق رەڭلىك نومۇر تاختىسى يوق تۆت چاقلىق توكسىكلىت بارلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ساقچىلار دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننى مەركەز قىلىپ، ئەتراپتىكى كۆزىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بۇ توكسىكلىتنىڭ گرافىت زاۋۇتى ئەتراپىغا بارغاندا غايىب بولغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەھۋال ئىگىلەپ رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئاخىرى گرافىت زاۋۇتىدا دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى تۆت چاقلىق توكسىكلىتقا ئوخشاپ كېتىدىغان گۇمانلىق توكسىكلىتىنى بايقىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق توكسىكلىت ئىگىسى ياڭxx نىڭ شۇ كۈنى مۇشۇ توكسىكلىتنى ھەيدەپ چىققانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، 8-ئاپرېل ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى ياڭxx نى تۇتتى. سوراقتا جىنايەت گۇماندارى ياڭxx گۈل ئوغرىلىغان جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، ياڭxx نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ ھەر خىل گۈللەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، باشقىلارغا باققان گۈلگە قارايدىغان ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ قالسا، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتتا ھەممە ياقنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوغرىلاپ كېلىدىكەن. نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى ياڭxx جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چەكسىز ئۇپۇق3 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ گۈلگە ئامراق لىكىن ھەرگىز ئوغۇرلىمايمەن ئۆزۈم تىرىپ ئۆستۈرمەن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号