باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

گۈزەللىكى ئاينىمۇ خىجىل قىلىدىغان «سەي شىشى»نىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:13 17 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«خىسلەتلىك تېۋىپ شى لەيلى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئەينى ۋاقتىلاردا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىدا قايتا-قايتىلاپ قويۇلدى. ئۇنداقتا، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى «ئۆزى سەت بولسىمۇ، بىراق ھۈنىرى چىرايلىق» شى لەيلېغا ئاشىق بولىدىغان «پەرىزات» سەي شىشى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ راست گەپنى قىلسام، بۇ ئارتىس تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققاندا، مەنمۇ ھەم راستىتنلا ھەيران قالغانىدىم.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ۋەقەلىك ئەل ئارىسىدىكى خىسلەتلىك تېۋىپ شى لەيلىنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان ھاياتى باش لىنىيە قىلغان. بۇنىڭدىكى سەي شىشىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس شېڭ ئاۋجۈن «بۈيۈك تاڭ دەۋىرىدىكى مۇھەببەت داستانى» (大唐情史) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىمۇ گاۋ ياڭ مەلىكىنىڭ رولىنى ئالغان. 

بىراق رېئال تۇرمۇشتا ئۇ ئىزچىل داۋاراڭ سېلىشنى ياقتۇرمايدۇ، گەرچە توي قىلغان بولسىمۇ، سىرتتىكىلەرگە ئاشكارىلىمىغان. كۆپچىلىككە ئاشكارىلانغان توي سۈرىتىمۇ پەقەتلا يولدىشىنىڭ ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغاندىكى سۈرىتىدۇر. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ يولدىشى بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئىكەن. بىراق ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەم گۈزەل ھەم كەمتەر ئايالغا ئۆيلىنىش ھەقىقەتەنمۇ بىر بەخت. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يولدىشى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىشقا ئارانلا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ يولدىشى جەنۇبىي يېرىم شاردا، ئۇ شىمالىي يېرىم شاردا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇپ پىكىرلىشىش كەمچىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاخىرى بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغان پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى يىللىق دەم ئېلىشىنى ئىككى ئايغا يىغىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، «سوقۇنۇپ كىرىش» (潜伏) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىشىگە ھەمراھ بولغان. دەل مۇشۇ تەرىپى ئۇنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرۈپ، قارشى تەرەپكە ياتلىق بولۇشنى قارار قىلغان.

تويدىن كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنىپ، بىر ئوماق ئوغلىغا ئانا بولدى. بەلكىم، ئوغلىنىڭ چىرايى دادىسىغا بەكرەك ئوخشىسا كېرەك.

ئۇنىڭغا ئوخشاش، مۇلايىم ۋە كەمتەر ئايال چولپانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئەمەس. بىزمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 风景2 كۈن ئىلگىرى

    ئەمدى ئېسىمگە كەلدى،،

  • فىروزە2 كۈن ئىلگىرى

    بىرخىل لاتاپەتلىك بۇ ئايال،سەي خوجايىن ئوبرازىغا بەك چۈشكەن،ئوغلى راسلا دادىسىغا ئوخشىسا كىرەك

  • 520520t3 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن گۈزەل ئايال دە بۇ ؛

  • ALIM_Nur3 كۈن ئىلگىرى

    تەھرىرىمۇ بەك يۇمۇر جۇمۇ ..، بەك سەت كۈلۈپتىمەن ،ئا دادىسىمۇ بەلكىم ئوغىلىغا ئوخشاشتۇ دىگەن گېپىڭلىغا ...ھاھ ھەھا

  • چەكسىز ئۇپۇق3 كۈن ئىلگىرى

    ئۆزىغۇ خىلى چىرايلىق لىكىن سەل جىق گەپقىلىدۇ ئاشۇ يىرى تازا بولمايدۇ،

  • DIL K@X3 كۈن ئىلگىرى

    بەكلا چىرايلىق گۈزەل ئايال بۇ مەنمۇ ياقتۇراتتىم

  • مارمارا3 كۈن ئىلگىرى

    مەن كۆيىمەندە بۇئايالغا ، بەك چىرايلىق ، بەك ياخشى ئىشلەنگەن كىنۇ بۇ

  • نە ھال3 كۈن ئىلگىرى

    ياڭ زىچيۇڭغا بىراز ئوخشۇتاتتىم بۇ ئايالنى

  • چەكسىز ئۇپۇق3 كۈن ئىلگىرى

    تۆمۈر شىرباش قورىمىسى ئالامەتتە،ھەي،

  • jagga3 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئامراق بۇ گۈزەلگە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号