باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

روڭۋېي RX3 18T ئاپتوموبىلىنىڭ بايراقدار نۇسخىسى رەسمىي بازارغا سېلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:35 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

4-ئاينىڭ 16-كۈنى روڭۋېي RX3 18T بايراقدار نۇسخىسى ئاپتوموبىل تىپى رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 123 مىڭ 800 يۈەن. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىل ئاساسلىقى تاشقى قىياپەت شەكلى ۋە سەپلىمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. ھازىر ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلار 5000 يۈەن چىقىمدان قىزىل بولىقىدىن بەھرىمان بولىدۇ، تولۇقلىمىدىن كېيىنكى باھاسى 118 مىڭ 800 يۈەن. بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىل يەنە ئۈچ يىلدا 0 ئۆسۈم نىسبىتىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

يېڭى ئاپتوموبىل يەنىلا سېتىلىۋاتقان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ تاشقى قىياپەت ۋە ئىچكى بېزىكىنىڭ لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان، ئالدى رەت يان بىخەتەرلىك يەل خالتىسى، ئالدى رەتتىكى ئورۇندۇقنى قىزدۇرۇش، ئالىي دەرىجىدىكى خۇرۇم ئورۇندۇق، دۆڭگە چىقىش ياردەمچىسى، تىك داۋاندىن ئاستا-ئاستا چۈشۈش، inkaLink سىستېمىسى، ماشىنىنىڭ ئارقىنى كۆرسىتىش تەسۋىرى، ئىككى ياندىكى ئىندۇكسىيەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاچقۇچ قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان سەپلىمە ۋە ئىقتىدارلار ماسلاشتۇرۇلغان. بىرلا ۋاقىتتا، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە شوپۇر ئورنىنى ئېلېكتىرلىك ئالتە يۆنىلىشتە تەڭشەش ۋە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى ئېلېكتىرلىك قاتلىنىش قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا 1.3Tلىق تۇربىنلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 163 ئات كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا ئەيشىننىڭ ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىغان تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号