باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

2018-يىللىق جېپ Renegade ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 21:53 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا گۇاڭجۇ ئاپتوموبىلچىلىقى ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، 2018-يىللىق جېپ Renegade  رەسمىي بازارغا سېلىنغان، يېڭى ئاپتوموبىل 1.4T ۋە 2.0Lلىق ماتور سەپلەنگەن جەمئىي سەككىز خىل تىپتا چىقىرىلغان، باھاسى 134 مىڭ 800 يۈەندىن 190 مىڭ 800 يۈەنگىچە، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

تاشقى قىياپىتى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىل بىلەن ھازىرقى ئاپتوموبىل تىپى ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلىغان، ئالدى يۈزىگە ئۆتمىتۆشۈك شەكىللىك جەمەت ئۇسلۇبىدىكى ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ۋە يۇمىلاق شەكىللىك ئالدى چوڭ چىراغ لايىھەسى قوللانغان. يېڭى ئاپتوموبىل ئاساسلىقى سەپلىمىسى جەھەتتە تەڭشەش قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 1.4Tلىق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ بارلىق يۈرۈشلۈكىگە يەتتە ديۇملۇق مېدىيا ئېكران سەپلەنگەن، ئاپتوماتىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى نۇسخىسىغا يەنە ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى قوشۇلغان. ئىككى خىل 2.0Lلىق تۆت چاق سۆرەيدىغان ئاپتوموبىل تىپىغا سەپلەنگەن مېدىيا ئېكران 6.5 ديۇمدىن 8.4 ديۇمغا چوڭايتىلغان، بىرلا ۋاقىتتا باھاسىنى 6000 يۈەن چۈشۈرگەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە 180T تىپىغا 1.4Tلىق ماتور سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150 ئات كۈچى، تولغىنىش مومېنتى 230 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش قىسمىغا ئالتە خوتلۇق قولدا باشقۇرۇلىدىغان ياكى يەتتە خوتلۇق قۇرۇق قوش مۇفتىلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان ۋە پەقەت ئالدى چاق سۆرەش سىستېمىسى تەمىنلەنگەن. 180TS ئاپتوموبىل تىپىغا 2.0Lلىق ماتور سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 155 ئات كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا توققۇز خوتلۇق ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىغان تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان ۋە بىر يۈرۈش تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号