باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

فىنلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل كوتىي سارى ئارىلى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:15 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نورۋېگىيە بلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر ئارالنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل. بۇ ئارالنىڭ سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئەتراپىدا ھېچقانداق قۇرۇقلۇق يوق، تۆت پەسلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ دەل فىنلاندىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كوتىي سارى ئارىلى. سۈرەتتە، كوتىي سارى ئارىلىنىڭ باھارى.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا فىنلاندىيەدىكى دەرەخ كەسكۈچىلەر مۇشۇ جايدا توپلىشىپ ياشاپ ياغاچ ماتېرىياللارنى دەريا ئېقىنىدىن پايدىلىنىپ توشۇغان. ھازىر بۇ جاي داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، بىر قىسىم كونا ياغاچ ئۆيلەر رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن يەرلىك ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك كىچىك مېھمانخانا ياكى باشقا قۇرۇلۇشقا ئۆزگەرتىلدى. سۈرەتتە، كوتىي سارى ئارىلىنىڭ ياز پەسلى.

كوتىي سارى ئارىلىغا قولۋاق بىلەن بارغىلى بولىدۇ. سۈرەتتە، كوتىي سارى ئارىلىنىڭ كۈز پەسلى.

2015-يىلى شۇ جايدىكى تەبىئەت فوتوگرافى جېننىي لىپپا ئارالنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقىلىپ ئارالنىڭ نامىنى تېخىمۇ چىقىرىۋەتكەن. سۈرەتتە، كوتىي سارى ئارىلىنىڭ قىش پەسلى.

شۇنىڭ ئۈچۈن لىپپا بۇ ئارالنىڭ تۆت پەسلىنى ئۈستىدىن تارتىشنى لايىق كۆردى. بۇ سۈرەتلەردە ئارالنىڭ تۆت پەسلىنىڭ پەرقى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، لىپپا يەنە ئارالنىڭ ئالاھىدە مەنزىرە سۈرەتلىرىنىمۇ، يەنى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن، قارغا پۈركەنگەن سۈرەتلىرىنىمۇ تارتقان.

لىپپا بۇ ئارالنىڭ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ جەنۇبىغا ئارانلا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئىكەنلىكىنى، تېمپېراتۇرىسى 1-ئايدىكى نۆلدىن تۆۋەن 8.2 گىرادۇستىن 7-ئايدىكى 19.7 گىرادۇس ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ سۈرەتلەرنى تارتىشمۇ قىيىن، قىشتا سۈرەتكە تارتقاندا ئادەم توڭلاپ قېتىپ كېتىدۇ.

كوتىي سارى ئارىلى كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى خۇددى ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ناھايىتى ئازادە ئۆتىدۇ. گەرچە بۇ جايدا ھازىرقى زامان ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ئاستا بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئاھالىلەر يەنىلا قەدىمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرىدۇ، ھەر كۈنى بېلىق تۇتۇش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ تۇرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، كوتىي سارى ئارىلى ھەر يىلى پەقەت 5-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇ جاينىڭ «روژدېستۋو بوۋاينىڭ يۇرتى» دېگەن نامى بولغاندىن باشقا، يەنە بالىلار چۆچەكلىرىدىكى ئايال قار پادىشاھمۇ مۇشۇ جايدا «خاتىرجەم ياشىغان» دەپ قارىلىدۇ.

سۈرەتتە، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان كوتىي سارى ئارىلى.

سۈرەتتە، كوتىي سارى ئارىلىدىكى كۆل. ئۇ ئارالنىڭ يۈرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەنجەر3 كۈن ئىلگىرى

    نىمانداق چىرايلىق ئارال بۇ، ئېلغار پەن-تېخنىكىدىن يىراق تۇرۇپ مۇشۇنداق يەردە ياشىسىمۇ بولىدۇ ئادەم، بالىلىقىمدىكى توك كەتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيمەن…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号