باش بەت

نۇسرەتگۈل

10518يوللانما
187مەستانە

ئۇگاندادا ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرگەن 11 شىرغا دېھقانچىلىق دورىسى بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-04-16 19:40 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا فوكس ئاخباراتىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇگاندا ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەر يېقىندا بۇ دۆلەتتە 11 شىرنىڭ شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ زەھەرلىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى بۇ شىرلار ئۇلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى.

بۇ ئىش ئۇگاندادىكى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت دۆلەتلىك باغچىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ جايدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا خېلى كۆپ شىرنىڭ ئۆلۈكى ۋە قىسىمەن قالدۇق سۆڭەكلىرىنى بايقىغان. پەرەز قىلىنىشىچە، شىرلارنىڭ بىر قىسىم سۆڭەكلىرىنى سىرتلانلار يەۋەتكەن.

شىرلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى بىۋاستە سەۋەب ئۇلارنىڭ ئالىبكارب (alibcarb) ناملىق زەھىرى كۈچلۈك دېھقانچىلىق دورىسىنى يېگەنلىكى بولۇپ، ئۇ دورىنى يېگەن ئادەم ياكى ھايۋان تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئۇگاندادا شىرلارنى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە تارتقان ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى ئېكىسپېدىتسىيەچىسى ئالېكس بىلەككوسكى شىرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالمىغانلىقى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «بۇ شىرلارنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ھەر كۈنى ئاپتوموبىلىمنى ھەيدەپ ئۇلارنى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە تارتاتتىم» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号